添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2014) ئا ج د 132- نومۇرلۇق غxx نىڭ خىيانەت قىلىش جىنايى دىلوسى 1- سوت جىنايى ئىشلار ھ/b>

2015-01-04 12:53:14


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۇمنامىسى

(2014)ئا ج د 132- نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۇچى ئورگان ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار غxx، ئەر، قىرغىز، 1969- يىلى 9 –ئاينىڭ 10 –كۈنى تۇغۇلغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، پارتىيە ئەزاسى، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان .

جاۋابكار خىيانەت قىلىش جىنايىتى بىلەن 2013- يىلى 12-ئاينىڭ 26- كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ، 2014- يىلى 1 – ئاينىڭ 6 –كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن دېلوسى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپلىگە بېرىلگەن، بۇ قېتىم 2014-يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۇنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلى تەپتىش مەھكىمىسى ئا ش ت ئە (2014) 66- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار غxxنى خىيانەت قىلىش جىنايىتى ئوتكۇزدى دەپ شىكايەت قىلىپ 2014-يىلى 6- ئاينىڭ 25-كۇنى ماكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن . مەھكىمىمىز 2014-يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۇنى دىلونى قۇبۇل قىلىپ قانۇن بۇيىچە ئادەتتىكى تەرتىپنى تەدبىقلاپ كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ 2014-يىلى 8- ئاينىڭ 1-كۇنى ئۇچۇق رەسمى سوت قىلىدى. ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگۇلىگەن تەپتىش شەمشىنۇر نىزام، تۇردى ماكەشلار سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى جاۋاپكار غxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى .ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ش ت ئە (2014) 66- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار غxx ئاتۇش شەھەر تۇگرمىتى يېزا قۇرامدۇق كەنتىنىڭ بوغالتىرى بۇلۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتن پايدىلىنىپ چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئوي پۇلىنى يىغىپ مالىيەگە تاپشۇرماي ۋە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئوي قۇرۇلىشى پۇلىدىن باشقىلارنىڭ نامىدا تىزىملىتىپ ئۇزى ئېلىۋېلىش ئارقىلىق جامائەتنىڭ 78733يۇەنپۇلىنى خىيانەت قىلغان. جاۋابكارنىڭ قىلمىشىدىن خىيانەت قىلىش جىنايىتىنى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 382- ماددا، 383- ماددا 2- تارمىقى، 67- ماددا 3- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ شىكايەت قىلدى.

جاېاپكار سوتتا:- مەن قىلمىشىمغا توۋا قىلدىم قانۇن تۇرىغا چۇشكاندىن كىيىن ئوزۇمنىڭ تۇيق يولغا كىرىپ قالغانلىقىمنى بىلدىم بۇنىڭدىم كىىن بۇنداق ئىشلارنى قىلمايمەن قانۇننىڭ كەڭچىلىكبىلەن بىرتەرەپ قىلىشىنى سۇرايمەن» دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۇزىنى ئاقلىدى.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە: (1)- جاۋابكار غxx 2010- يىلى تۈگۈرمىتى يېزا قورومدۇق كەنتىگە سېلىنغان چارۋىچىلارنى مۇقۇم ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن سېلىنغان 106ئۆينىڭ پۇلىنى يىغىپ تۈگۈرمىتى يېزىلىق مالىيە پونكىتىغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلدىن 50223يۈەن پۇلنى تاپشۇرماي خىيانەت قىلغان.

(2)-جاۋابكار غxx قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يېزا –ئىگىلىك بانكىسىدىن پېنسىيەگە چىققان (پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن) ئىلياس ياقۇپنىڭ نامىدا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالىدۇ دەپ تىزىملىتىپ يۇقۇرىغا يوللاپ، ئىلياس ياقۇپ نامىدا چۈشكەن 28 مىڭ 500 يۈەننى ئۆزى قول قويۇپ ئېلىپ خىيانەت قىلغانلىقى ، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۇرۇش جەريانىدا جاۋاپكارنىڭ زىياننى تۇلۇق تۇلەپ ئەسلىگە كەلتۇرگەنلىكى ۋە باشقىلارنىڭ خىيانەتچىلىق قىلمىشىنى پاش قىلىپ خىزمەت كۆ رسەتكەنلىكى ئېنىقلاندى .

يۇقارقى پاكىتلار تۇۋەندىكى دەلىل ئىسپاتلارغا ئاساسەن بىكىتىلدى.

جاۋاپكارنىڭ سالاھىيىتىگە دائىر نۇپۇس ئىسپاتى ئارقىلىق ئۇنىڭ جاۋاپكارنىڭ 1969-يىلى 9- ئاينىڭ 10-كۇنى تۇغۇلغانلىقى، جىنايى جاۋاپكارلىق يېشىغا يەتكەنلىكى ۋە نەق ئۇزى ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيەسى تۇگۇرمىتى يېزىلىق كۇمىتىتىنىڭ 2012-يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۇنىدىكى(2012) 13- نۇمۇرلۇق ھۆججىتى ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ كەنت ھەيئەت ئەزاسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

   جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرسى، ھىسابات ئېنىقلاش خاتىرسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، تۇگۈرمىتى يېزىلىق مالىيە پونكىتىنىڭ ئىسپاتى، جاۋاپكارنىڭ ھۆججىتى قاتارلىقلار سوتتا جاۋاپكار بىلەن يۇزلەشتۇرۇپ ئىسپاتلىق كۇچى بىكىتىلدى بۇ ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ ئاتۇش شەھەر تۇگۇرمىتى يېزا قۇرۇمدۇق كەنتىنىڭ بۇغالتىرى بۇلۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتن پايدىلىنىپ چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئوي پۇلىنى يىغىپ مالىيەگە تاپشۇرماي ۋە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئوي قۇرۇلىشى پۇلىدىن باشقىلارنىڭ نامىدا تىزىملىتىپ ئۇزى ئېلىۋېلىش ئارقىلىق جامائەتنىڭ 78733يۇەن پۇلىنى خىيانەت قىلغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ .

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ0005243101- نۇمۇرلۇق پۇل تاپشۇرۇپ ئېلىش تالۇنى ئارقىلىق جاۋاپكار خىيانەت قىلغان 78733 يۇەن ئۇچۇن 80000يۇەن تاپشۇرغانلىقى، زىياننىڭ تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ .

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 2014-يىلى 4- ئاينىڭ 13- كۇنىدىكى ئىسپاتى ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى :- سوتتا تەكشۇرۇپ ئېنىقلانغان پاكىتلاردى قارىغاندا جاۋاپكار غxxنىڭ قىلمىشىدىن خىيانەتقىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ . ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئا ش ت ئە (2014) 66- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسىدا بىكىتىلگەن پاكىتلار ئېنىق دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق دىلو خاراكتىرىنى بىكىتىشى ۋە قانۇن تەدبىقلىشى توغرا بولغان . ئەيىپلەشنامە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. جاۋاپكامۇ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ . جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى . جاۋاپكارغا جازا ئولچەشتە ئۇنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىغانلىقىنى ، جىنايىتىنى تۇنۇش تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ، زىياننى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۇرگەنلىكىنى ، خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىنى بىرلەشتۇرۇپ نەزەرگە ئېلىپ مۇۋاپىق جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 382- ماددا، 383- ماددا 2- تارمىقى،68- 67- ماددا 3-تارمىقى، 59- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۇۋەندىكىچە ھۆكۇم قىلىندى .

جاۋاپكار غxxگە خىيانەت قىلىش جىنايىتى ئوتكۇزگەنلىكى ئۇچۇن مۇددەتلىك ئۇچ يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى.

  جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى 2014- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 2017- يىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە بولىدۇ.(ئالدىن قامالغان 12 كۈن قوشۇپ ھىسابلاندى)

جاۋاپكار ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە زىياننى تۇلەش ئۇچۇن تاپشۇرغان 80000 يۇەندىن 78733پۇل زىيانلانغۇچىلارغا قايتۇرۇلۇپ قالغان1267يۇەن مۇسادىر قىلىندى.

مەزكۇر ھۆكۇمنامىگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۇمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۇن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز ۋە ئۇنىڭ كۇچۇرۇلمە نۇسخىسىدىن بەش نۇسخا قۇشۇپ تاپشۇرۇشقا بۇلىدۇ

باش سوتچى       سادىقجان قۇربان

سوتچى        زەينۇر مىجىت

خەلق زاسىداتىلى        تۇرسۇنجان قۇربان

             2014-يىلى 8- ئاينىڭ 15 -كۇنى

پۈتۈكچى        گۈلبوس غەيرەت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1493320 位访客