添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2014) ئا ج د 162- نومۇرلۇق جاۋاپكار غxxنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايى دىلوسى 1-

2015-01-04 12:56:27


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۇمنامىسى

(2014) ئا ج د 162- نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۇچى ئورگان ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

جاۋاپكار غxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1980- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۇنى تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيەسىگە ئىگە، كەسپى: يەككە تىجارەتچى، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان. جاۋاپكار خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۇنى ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان، 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 17- كۇنى قاماقخانىدىن بوشتۇلغان، مەھكىمىمىز تەرىپىدىن 2014- يىلى 8- ئاينىڭ 7 - كۇنى ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ش ت ئە ( 2014 ) 73- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار غxxنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۇزدى دەپ شىكايەت قىلىپ، 2014- يىلى 8 - ئاينىڭ 8- كۇنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن، مەھكىمىمىز بۇ دىلونى قوبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى تەدبىلاپ، 2014- يىلى 8- ئاينىڭ 20- كۇنى ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى. ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگۇلىگەن تەپتىش نۇرجامال سىدىق، شەمشىنۇر نىزاملار سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋاپكار غxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ش ت ئە ( 2014 ) 73- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار غxxنى 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 26- كۇنى سائەت 4 دىن 40 مىنۇت ئوتكەندە ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە پىراۋۇسىز، 新Q41107 نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ يولنىڭ بويىغا توختۇتۇپ قويغان لى xx ھەيدىگەن، رxxنىڭ 新P37330 نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىنى سوقۇۋەتكەن، نەتىجىدە ئىككى تەرەپ قاتناش ۋاستىللىرى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، جاۋاپكارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا، 67- ماددا 3- تارمىقىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ شىكايەت قىلدى.

جاۋاپكار غxx سوتتا: «مەن بىلمەي قىلىپ ساپتىمەن، قىلمىشىمغا تۆۋە قىلدىم، بالىلىرىم تىخى كىچىك، ئائىلەمدىكىلەر ماڭا قاراشلىق، شۇڭا قانۇننىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن» دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزنى ئاقلىدى.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋاپكار غxxنى 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 26- كۇنى سائەت 4 دىن 40 مىنۇت ئوتكەندە ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە پىراۋۇسىز، 新Q41107 نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ ئاتۇش شەھەر دوستلۇق يولى ئارقىلىق جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ يول يۈرۈپ، دوستلۇق يولى شەھەرلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپ ئائىلىك قورۇسى دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە قارمۇ قارشى يۆلىنىشتە يول يۈرۈپ يولنىڭ بويىغا توختۇتۇپ قويغان لxx ھەيدىگەن، رىxxنىڭ 新P37330 نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىنى سوقۇۋەتكەن، نەتىجىدە ئىككى تەرەپ قاتناش ۋاستىللىرى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى [2014] 033- نومۇرلۇق قاتناش ھادىسى ئىتراپنامىسىدا «جىنايەت گۇماندارى غxx بۇ قىتىمقى قاتناش ھادىسىسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لى xx قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بىكىتكەنلىكى، قىزىلسۇ ئوبلاسلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئورنىنىڭ 2014- يىللىق 66- نومۇرلۇق قاندىكى ئېتىل- ئالكۇھۇل مىقتارىنى باھالاش نەتىجىسىدە جاۋاپكارنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قاندا 183.26 مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بارلىقى ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتىكى دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1- جاۋاپكارنىڭ سالاھيىتىگە دائىر كىملىك ئىسپاتىدا جاۋاپكار غxxنى 1980- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۇنى تۇغۇلغان دەپ خاتىرلەنگەن، بۇ ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ جاۋاپكارلىق يېشىغا يەتكەنلىكى ۋە نەق ئۆزى ئىكەنلىكى ئىسپاتىلىنىدۇ.

2 - قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتنى باھالاش ئورنىنىڭ ( 2014 ) 66- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئېتىل ئالكوھول مىقدارىنى تەكشۇرۇش ئۆلچەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قاندا 183.26 مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بارلىقى جاۋاپكارنىڭ مەس ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

3- جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، جاۋاپكارنىڭ 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 26 – كۇنى ھاراق ئىچكەندىن كىيىن پىراۋىسىز ماشىنا ھەيدىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

4- ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ (2014) 033- نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسە ئىتىراپنامىسىدا «جاۋاپكار غxx بۇ قىتىمقى قاتناش ھادىسىسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لىxx قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بىكىتكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

5- نەخ مەيدان سۇرەتلىرى، نەخ مەيدا خەرىتىسى، نەخ مەيدان تەكشۇرۇش خاتىرىسى سوتتا جاۋاپكار بىلەن يۈزلەشتۇرلۇپ ئىسپاتلىق كۈچى بىكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: سوتتا تەكشۇرۇپ ئېنىقلانغان پاكىتلاردىن قارىغاندا جاۋاپكار غەيرەت توختىنىڭ قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ دەلىل- ئىسپات پاكىتى تولۇق بولۇپ جاۋاپكارمۇ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دىلو خاراكىتىرىنى بىكىتىشى ۋە قانۇن ماددىلارنى تەتبىقلىشى توغرا بولغان، ئەيىپلەشنامە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. جاۋاپكارغا جازا ئولچەشتە- جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىقىنى، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقىنى، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇۋاپىق جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-، 67- ماددا 3- تارمىقى، 52- ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۇم قىلىندى.

جاۋاپكار غxxگە خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۇزگەنلىكى ئۇچۇن بىر يىرىم ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدى، قوشۇمچە 1500 يۇەن جەرىمانە قويۇلدى.

جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى 2014- يىلى 8- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 2014- يىلى 10- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە بولىدۇ.(ئالدىن قامالغان 8 كۈن چىقىرۋىتىلدى)

بۇ ھۆكۇمگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۇمنامە يەتكۇزۇلگەن كۇننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۇن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازلىق ئەرىزنىڭ ئەسلى نۇسقىسى ۋە كۆچۇرمىسىدىن 5 نۇسقا تاپشۇرىدۇ.

     سوتچى       كۆرەش نازا

               2014- يىلى 8- ئاينىڭ 27- كۇنى

       پۈتۈكچى     گۈلبوس غەيرەت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1493319 位访客