添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2014) ئا ھ د 224- نومۇرلۇق دەۋاگەر كxx بىلەن جاۋاپكار زxx ئوتتۇرسىدىكى بىقىش تەۋەلى

2015-01-04 12:59:49


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۇمنامىسى

(2014) ئا ھ د 224– نۇمۇرلۇق

دەۋاگەر كxx، ئەر،1980- يىلى 4- ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دىھقان.

جاۋاپكار زxx، ئايال ،1992- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى تۇغۇلغان ، ئويغۇر.

ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ئاxx، ئايال، 50 ياش، ئويغۇر، دىھقان. (جاۋاپكار زەينۇر مىجىتنىڭ ئانىسى)

مەھكىمىمىز دەۋاگەر كxx بىلەن جاۋاپكار زxxئوتتۇرسىدىكى بىقىش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش ماجىراسى دەۋاسىنى 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى قۇبۇل قىلىپ، قانۇن بويىنچە ئاددى تەرتىپ قوللىنىپ، 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 24- كۇنى ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى، دەۋاگەر ۋە جاۋاپكارنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر سوت مەھكىمىمىزگە: << مەن زxx بىلەن 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى بويامەت كەنىت ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن نىكاھسىمىزنى بىكار قىلغان ، ئۇ ۋاقىتتا ئوغلۇم 4 ئايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بالا بىر ياشقا كىرگىچە ئانىسى باقىدىغان ، مەن بالىنىڭ تۇرمۇش راسخودىغا ھەر ئايدا 50 يۇەندىن بىرىدىغان ، بالا بىر ياشقا توشقاندىن كىيىن بالىنى ماڭا قايتۇرۇپ بىرىدىغان بۇلۇپ كىلىشكەن ئىدۇق ،لىكىن جاۋاپكار بالا بىر ياشقا توشقاندىن كىيىن ماڭا كۆرسەتمىدى ، بالا ھازىر ئىككى يىرىم ياشقا كىردى ، جاۋاپكارمۇ ھازىر قايتىدىن تۇرمۇشلۇق بولدى ، جاۋاپكارنىڭ ئائىلە شارائىتىدىن مىنىڭ ئائىلە شارائىتىم ياخشى، شۇڭا ئوغلۇمنى ئۆزەم باقسام، سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويچە ئوغلۇمنىڭ بېقىلىش تەۋەلىگىنى ماڭا بىكىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن >> دەپ دەۋا قىلدى.

جاۋاپكار ئەرىزىگە جاۋاپ بىرىپ: <<مەن كxx بىلەن 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى بويامەت كەنىت مۇرەسسە ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە كىلىشىپ ئاجىراشقان ئىدۇق ، ئاجىراشقاندىن كىيىن دەۋاگەر بىزنىڭ تىنىچ تۇرمۇشىمىزغا تەھدىت سېلىپ ، ھە دىسە بالىنى باھانە قىلىپ بىزنىڭ ئۆيگە بىرىپ ئاتا- ئانام بىلەن جىدەللىشىپ ئۇلارنى ھەتتا ئۇرۇپ جىدەل ماجىرا كەلتۇرۇپ چىقاردى ، دەۋاگەر بىر قانچە قىتىم تۈرمىدە يىتىپ چىققان ھەم ھازىرمۇ يامان ئىش- ھەركەتلەردىن قول ئۈزمىدى ، بۇنداق ئادەمگە مەن بالامنى قانداقمۇ تەربىيلىشىگە تاپشۇرالايمەن ، مەن بالامغا ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ ياخشى ئۈسۈپ يىتىلىشىگە كاپالەت بىرەلەيمەن ، شۇڭا سوت مەھكىمىسىنىڭ بالامنى ئۆزەمنىڭ ياخشى تەربىيلىشىمگە بۇيرۇپ بىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن >> دەپ جاۋاپ بەردى .

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە: دەۋاگەر كxx بىلەن جاۋاپكار زxx 2009- يىلىدىن 2011- يىلى 9- ئايغىچە نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالماي ، قانۇنسىز بىرگە تۇرغان ، ئۇلار بىر پەرزەنىتلىك بولغاندا ئۆز- ئارا چىقىشالماي بويامەت كەنىت ئاھالىلەر كومىتىتى مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ئارقىلىق تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى مال- مۈلۈك ۋە پەرزەنىتىنى بىر تەرەپ قىلغان ، كىلىشىمدە پەرزەنىتى بىر ياشقا كىرگىچە زxx باقىدىغان بۇنىڭ ئۈچۈن دەۋاگەر كxx ھەر ئايدا 50 يۇەندىن راسخوت بىرىدىغان ، بالا بىر ياشتىن ئاشقاندا دەۋاگەر كxx باقىدىغان بۇلۇپ كىلىشكەن ، دەۋاگەر تەرەپ بالا بىر ياشقا كىرگەندىن كىيىن جاۋاپكارنى ئىزدەپ بالىنى قايتۇرۇپ بىرىش توغرىسىدا سۆزلەشكەن بولسىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ بىر بىرىگە يول قويماسلىقى ۋە دەۋاگەر ھەر قىتىم بالىنى كۆرگىلى بارغاندا جىدەل چىقارغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت كۈچىپ ،ئايال تەرەپنىڭ كىلىشىم بۇيىچە  بالىنى دادىسىغا بەرمىگەنلىكى،  ھەر ئىككىلى تەرەپ قايتىدىن نىكاھلانغانلىقى، دەۋاگەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كىلىشىم بويىچە بالىغا 10 ئايلىق راسخودى ئۈچۈن 500 يۇەن بەرگەنلىكى ئېنىقلاندى .

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى دەلىل- ئىسپاتلاردىن :

بويامەت كەنىت مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنىدىكى تەرەپلەرنىڭ كىلشىمنامىسى ۋە تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانى  ئارقىلىق تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرزەنىتىنى بىر ياشقا توشقىچە جاۋاپكار زxx باقىدىغان ، بىر ياشقا توشقاندىن كىيىن كىرىمجان ئۆمەر باقىدىغان بۇلۇپ كىلىشكەنلىكى  ئىسپاتلىنىدۇ .

تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانى ئارقىلىق دەۋاگەر كىرىمجان ئۆمەرنىڭ بالىنىڭ راسخودى ئۈچۈن 500 يۇەن بەرگەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى - سوتتا تەكشۇرۇپ ئېنىقلانغان پاكىتلاردىن قارىغاندا تەرەپلەرنىڭ ئىلگىرى پەرزەنىتى مۇھەممەتنىڭ بىقىش ھۇقۇقى جەھەتتە كىلىشىپ بالىسى بىر ياشقا كىرگىچە ئانىسى باقىدىغان ، بىر ياشقا توشقاندىن كىيىن دادىسىغا بىرىدىغان ئانىسىى بىقىۋاتقان مەزگىلدە دادىسى بالىسىنىڭ راسخوادى ئۈچۈن ھەر ئايدا 50 يۇەندىن بىرىدىغان بۇلۇپ كىلىشكەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىتنى بىكىتىشكە بولسىمۇ ، دەۋاگەر تەرەپ كىلىشىمدىكى بالىنى قايتۇرۇپ ئىلىش مۇددىتى توشقان ھامان قايتۇرۇپ ئېلىشنى ئىلتىماس قىلمىغان ، دەۋاگەر تەرەپ ئۆزىنىڭ بالا بىقىش شارائىتىنىڭ جاۋاپكار تەرەپنىڭ شارائىتىدىن ياخشى ئىكەنلىكى ۋە بالىنى ئۆزى باقسا بالىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا دەلىل – ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمىدى ، تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرزەنىتى تىخى 3 ياش بۇلۇپ ھازىرلا بىۋاستە بىقىش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتسە بالىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ ، شۇڭا تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇھەممەت ئىسىملىك پەرزەنىتى ئانىسىنىڭ يىنىدا بىر مەزگىل بىقىلسا بالىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىلىق دەپ قاراپ <<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى نىكاھ قانۇنى >> نىڭ 37- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۈۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلدى .

تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى مxx ئىسىملىك (3 ياش)بالىنى 5 ياشقا كىرگىچە ( مەكتەپ يىشىغا يەتكىچە) جاۋاپكار زxx ئۆز راسخودى بىلەن باقىدۇ . بالا 5 ياشقا توشقاندىن كىيىن دەۋاگەر كxx ئۆز راسخوتى بىلەن باقىدۇ .

( بالا ئانىسىنىڭ يىنىدىكى مەزگىلدە كxxنىڭ پەرزەنىتىنى كۆرۈپ يوقلىشى ، بالا دادىسىغا ئۆتكەندىن كىيىن زxxنىڭ كۆرۈپ يوقلىشى چەكلەنمەيدۇ)

دەۋا ھەققى 50 يۈەن، يەتكۈزۈش ھەققى 120 يۇەن جەمئىي 170 يۇەننى تەرەپلەر تەڭ ئۇستىگە ئالىدۇ .

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىگە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ، يازما نارازىلىق بەرگەندە ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسخا ھەمدە دەۋا ھەققىنى قوشۇپ تاپشۇرۇشى كىرەك.

سوتچى      ئارزىگۇل ھاجىمەممەت

       2014– يىلى 3– ئاينىڭ 27– كۈنى

پۈتۈكچى      گۈلبوس غەيرەت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1493318 位访客