添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2014) ئا ھ د 648- نومۇرلۇق دەۋاگەر ئxx بىلەن جاۋاپكار سxx ئوتتۇرسىدىكى نىكاھدىن ئاج

2015-01-04 13:01:24


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلار ھۆكۈمنامىسى (2014) ئا ھ د 648-نۇمۇرلۇق دەۋاگەر ئxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1983-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان. جاۋاپكار سxx، ئايال، ئۇيغۇر، 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇغۇلغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان(تىككۈچى). مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئxx بىلەن جاۋاپكار سxx ئوتتۇرسىدىكى نىكاھدىن ئاجرىشىش ماجراسى دىلوسىنى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللۇنۇپ، 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى، دەۋاگەر ئxx، جاۋاپكار سxxلار سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دىلونى سوت قىلىپ، قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتۇرۇلدى. دەۋاگەرئxx مەھكىمىمىزگە: -«مەن ئايالىم سxxبىلەن 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى بىجىرىپ توي قىلىپ، بىر مەزگىل نورمالنى ئۆتكەندىن كېيىن، تويدىن ئىلگىرىىكى مۇھەببەت ئاساسىمىزنىڭ ئاجىزلىقى، بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىشىمىزنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك تۇرمۇشتا كېلىشەلمىدۇق، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا پەرزەنت يوق، مېنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇش ئىمكانىيىتىم قالمىدى، شۇڭا سوت مەھكىمىسىنىڭ پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ، بىزنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىمىزنى ئاجاراشتۇرۇپ قويۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىپ بۇ ئەرزنى سۇندۇم» -دەپ دەۋا قىلدى. جاۋاپكار سxx مەھكىمىمىزگە: -«دەۋاگەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مەزى بېزى ياللۇغى، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، بۆرەككە سۇ چۈشۈش كېسەللىرى، مەندە يۇقۇملىنىش ۋە باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ كەلتۈرۈپ چىقاردى، مۇشۇنداق ئاھۋالدا مېنىڭ كېسىلىم بىلەن كارى بولماي، پەرزەنتلىك بولالماسلىقنىڭ سەۋەبىنى مەندە قويۇپ، مىنى ئاتا-ئانامنىڭ داۋالىتىشىغا تاشلاپ قويدى. مەندە ھازىر ئېغىر دەرىجىدە داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇدا ئېنىق بولمىغان ئۆسمە ۋە يۇقۇملىنىش بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دەۋاگەرنىڭ مەن بىلەن مەجبۇرى ئېلىپ بارغان، ساغلام بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاتا-ئانام مېنى ھازىرغىچە داۋالاتتى ۋە داۋالىتىۋاتىدۇ، شۇڭا پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ، دەۋاگەر بىلەن بولغان نىكاھ مۇناسىۋىتىمنى ئاجراشتۇرۇپ قويۇشنى ۋە دەۋاگەردىن مەن دوختۇرىانىدا داۋالانغاندا چىقىم بولغان 12000يۈەننى تۆلۈتۈپ بېرىشنى ھەم ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ئۆزۈمگە تەۋە 6000يۈەندىن كۆپرەك قىممەتكە ئىگە مال-مۈلۈك، كىيىم- كېچەكلىرىمنى ئېلىپ بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن» -دەپ جاۋاپ بەردى. سوت قىلىپ تەكشۈرگىنىمىزدە، تەرەپلەر باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق، ئۆزلىرى ئىختىيارلىشىپ، 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى قانۇنلۇق نىكاھلانغان بولۇپ، ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، كېلىن بىلەن قېينىئانا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەپلىك نىكاھ تۇرمىشىدا كېلىشەلمەي، مۇھەببىتى سۇسلىشىپ، نىكاھدىن ئاجرىشىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكى؛ تەرەپلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولمىغانلىقى؛ تەرەپلەر چوڭلار بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، ئوتتۇرسىدا ئورتاق مال-مۈلۈك، ئورتاق يىغقان پۇل ۋە ئورتاق قەرزنىڭ يوقلىقى؛ تەرەپلەردىن دەۋاگەرنىڭ ئىشسىز، دەۋاغا جاۋاپ قىلغۇچىنىڭ بولسا، قوشۇمچە تىككۈچى ئىكەنلىكى؛ دەۋاگەرنىڭ ئۆيىدە دەۋاغا جاۋاپ قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە تەۋە مال-مۈلۈكلىرىدىن، بىر دانە كىيىم ئىشكابى، بىر پارچە <خۇادى> ماركىلىق گېلەم، بىر جۈپ يىكەنداز، بىر جۈپ ياستۇق، بىر يوتقان، بىر ئەدىيال، بىر گېلەم جايناماز، بىر چامىدان، نۇركا ئارلاش بىردانە خۇرۇم كالتە چاپان ۋە باشقا كېيىم-كېچەكلىرى قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى؛ دەۋاغا جاۋاپ قىلغۇچىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمىدە كېسىلىنى تەكشۈرتكەن، داۋالاتقان ۋە دورا ئالغان <سوتقا تەمىللىگىنى> جەمئى تالۇن 11تال بولۇپ، ئومۇمى سوممىسى 2079.50يۈەن ئىكەنلىكى؛ تەرەپلەرنىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىشقا بىرلىككى كەلگەنلىكى قاتارلىقلار ئېنىقلاندى. يۇقارقىلارنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار: 1. ئاتۇش شەھەر ئازاق يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى نىكاھ تىزىملاش ئىشخانىسى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى تارقاتقان توي خېتى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ئەر-خوتۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. 2. دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سوتتىكى بايانلىرى، تەرپلەرنىڭ تۇرمۇشتا ئۆز-ئارا كېلىشەلمىگەنلىكىنى، پەرزەنتلىك بولالمىغانلىقىنى، ئورتاق مال-مۈلۈك، ئورتاق يىغقان پۇل ۋە ئورتاق قەرزىنىڭ يوقلىقىنى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، نىكاھدىن ئاجرىشىشقا بىرلىككى كەلگەنلىكىنى، ئىككىلىسىنىڭ تۇرمۇشتا مۇقىم كىرىم مەنبىئىنىڭ يوقلىقىنى ھەمدە دەۋاگەرنىڭ ئۆيىدە دەۋاغا جاۋاپ قىلغۇچىنىڭ يۇقارقى <تەكشۈرۈش باسقۇچىدا ئېنىقلەنغاندەك> مال-مۈلۈكىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلايدۇ. 3. دەۋاغا جاۋاپ قىلغۇچى سوتقا تاپشۇرغان 11تال تالۇن 2079.50يۈەنلىك داۋالىنىش خىراجىتى چىقىم قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. مەھكىمىمىز سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتلارغا ئساساسەن، تەرەپلەرگە ئۆز-ئارا كېلشىپ قېلىش توغرىسىدا مۇرەسسە خىزمىتى ئىشلىگەندە، تەرەپلەر نىكاھدىن ئاجرىشىشقا بىرلىككە كەلگەن ۋە ئەر تەرەپ ئايال تەرەپنىڭ ئۆزىگە تەۋە مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇشتا بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، ئايال تەرەپنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەش مەسىلسىدە بىرلىككە كېلەلمىدى. دەۋاغا جاۋاپ قىلغۇچىنىڭ داۋالىنىش توغرىسىدىكى بىر قىسىم تەلىپىنى قوللاشقا بولىدۇ، بىر قىسىم تەلەپلىرىنى قوللاشنىڭ ئاساسى يوق، شۇڭا ئۇنىڭ سوتقا تەمىنلىگەن، سوتنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن 2079.50يۈەننى قوللاشقا تېگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى»نىڭ 32-ماددىسى ۋە 18ماددا 5-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلدى: 1. ئxx بىلەن سxx نىكاھدىن ئاجراشتى. 2. ئxx سxxنىڭ داۋالىنىش چىقىمى 2079.50يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ، ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولۇپ 10كۈن ئىچىدە تۆلەپ بېرىدۇ. 3. دەۋاگەر ئxx دەۋاغا جاۋاپ قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە تەۋە مال-مۈلۈكلىرىدىن، بىر دانە كىيىم ئىشكابى، بىر پارچە <خۇادى> ماركىلىق گېلەم، بىر جۈپ يىكەنداز، بىر جۈپ ياستۇق، بىر يوتقان، بىر ئەدىيال، بىر گېلەم جايناماز، بىر چامىدان، نۇركا ئارلاش بىردانە خۇرۇم كالتە چاپان ۋە باشقا كىيىم-كېچەكلىرى قاتارلىقلارنى قايتۇرىدۇ. دەۋا ھەققى 50يۈەن، پوچتىدىن يەتكۈزۈش ھەققى120يۈەن، جەمئىي 170يۈەننى دەۋاگەر ئىلھامجان قېيۇم ئۈستىگە ئالىدۇ. مەزكۇر ھۆكۇمنامىگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۇمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز ۋە ئۇنىڭ كۆچۇرۇلمىسىدىن ئۈچ نۇسخا، بەلگۇلىمە بۇيىچە دەۋا ھەققىنى قۇشۇپ تاپشۇرشى كېرەك. سوتچى تۇرسۇنئېلى زۇنۇن 2014-يىلى 7-ئاينى 17-كۈنى پۈتۈكچى گۈلبوس غەيرەت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1493317 位访客