添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2014) ئا ھ د 768- نومۇرلۇق دەۋاگەر يى شياڭلىياڭ بىلەن جاۋاپكار روزىمەممەت رىشىت

2015-01-04 13:02:59


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                          ( 2014 ) ئا ھ د 768- نۇمۇرلۇق   

دەۋاگەر يى شىياڭلىياڭ، ئەر، 1972- يىلى 4- ئاينىڭ 16- كۇنى تۇغۇلغان، خەنزۇ، ئىشسىز.

جاۋاپكار روزىمەممەت رىشىت، ئەر، 1989- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۇنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، ناۋاي.

مەھكىمىمىز دەۋاگەر يى شياڭلىياڭ بىلەن جاۋاپكار روزىمەممەت رىشىت ئوتتۇرسىدىكى قەرىز ماجىراسى دەۋاسىنى 2014- يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇبۇل قىلىپ، قانۇن بويىنچە ئادەتتىكى تەرتىپ قوللىنىپ، 2014- يىلى 8- ئاينىڭ 7- كۇنى ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى، دەۋاگەر يى شياڭلىياڭ سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر مەھكىمىمىزگە:- «2012- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۇنى جاۋاپكار مەندىن ئۇن سېتىۋىلىپ پۇلىنى بەرمەي ئېلىپ كەتتى، ئىككىنجى قېتىم كەلگەندە بىرىنجى قېتىملىق ئۇننىڭ پۇلنى بىرىپ ئىككىنجى قېتىملىقىنڭ پۇلنى كىيىن بىرىمەن دەپ 2012- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۇنى ھۆججەت يىزىپ بەرگەن، ئەمما مەن كۆپ قېتىم سۇيلىگەن بولساممۇ جاۋاپكار مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ پۇلنى بەرمىدى، شۇڭا يۇقارقى پۇلۇمنى ئېلىپ بەرسەڭلار» دىگەن مەزمۇندا دەۋا قىلغان.

جاۋاپكار روزىمەممەت رىشىتكە دەۋاگەرنىڭ ئەرزى، دەۋاغا جاۋاپ بىرىش ئۇقتۇرىشى ۋە سوتقا قاتنىشىش ئۇقتۇرىشنى يەتكۇزگەن بولسىمۇ ئەرىزگە جاۋاپ بەرمىدى ھەم سوتقا كەلمىدى.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە: 2012- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۇنى جاۋاپكار دەۋاگەردىن ئۇن سېتىۋىلىپ پۇلنى نان يېقىپ سېتىپ بولۇپ ئەكىلىپ بىرىمەن دەپ ئېلىپ كەتكەن، ئىككىنجى قېتىم يەنە ئۇنغا كىلىپ بىرىنجى قېتىملىق ئۇننىڭ پۇلنى بىرىپ بولۇپ ئىككىنجى قېتىملىق ئۇننىڭ پۇلنى يەنە نىسى قويۇپ 2012- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۇنى ھۆججەت يىزىپ بىرىپ ئىلىپ كەتكەن بولسىمۇ پۇلنى بەرمىگەنلىكى ئۇچۇن دەۋاگەرنىڭ سوتقا دەۋا قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار:

جاۋاپكار روزىمەممەت رىشىتنىڭ 2012- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۇنى يىزىپ بەرگەن ھۆججىتى ۋە دەۋاگەرنىڭ سوتتىكى بايانى جاۋاپكارنىڭ دەۋاگەردىن ئۇن ئېلىپ 3750 يۇەنگە قەرىز بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ:- سوتتا تەكشۇرۇپ ئېنىلانغان پاكىتلاردىن قارىغاندا، جاۋاپكار روزىمەممەت رىشىتنىڭ 2012- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۇنى دەۋاگەر يى شياڭلىياڭدىن ئىككى قېتىم ئۇن ئېلىپ 3750 يۇەنگە ھۆججەت يىزىپ بەرگەن بولسىمۇ قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكتىن ئىبارەت پاكتىنى بىكىتىشكە بولىدۇ، شۇڭا دەۋاگەرنىڭ جاۋاپكارلاردىن 3750 يۇەن پۇلۇمنى ئىلىپ بەرسەڭلار دىگەن دەۋا تەلىۋىنى قوللاشقا، جاۋاپكار سوتقا كەلمىگەنلىكى ئۇچۇن سىرتىدىن ھۆكۇم چىقىرىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى»نىڭ 108- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 144- ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە تۆۋەندىكىچە ھۆكۇم قىلىندى.

جاۋاپكار روزىمەممەت رىشىت دەۋاگەر يى شياڭلىياڭدىن ئۇن ئالغان قەرىز پۇل 3750 يۇەننى ھۆكۇم كۇچكە ئىگە بولۇپ 3 كۇن ئىچىدە دەۋاگەر يى شياڭلىياڭگە قايتۇرۇپ بىرىدۇ.

ئەگەر يۇقارقى پۇلنى بەلگۇلەنگەن ۋاقىتتا بەرمىسە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى»نىڭ 253- ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن كىچىكتۇرگەن ۋاقىتتىكى ئوسىمىنى ھەسسىلەپ تۆلەپ بىرىدۇ.

دەۋا ھەققى 50 يۇەن، يەتكۇزۇش ھەققى 120 يۇەن جەمئى 170 يۇەننى جاۋاپكار روزىمەممەت رىشىت ئۇستىگە ئالىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىگە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ، يازما نارازىلىق بەرگەندە ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆچۈرمىسىدىن 3 نۇسخا ھەمدە دەۋا ھەققىنى قوشۇپ تاپشۇرۇشى كىرەك.

         باش سوتچى    نۇرىمانگۇل ھېزىم

       سوتچى     تىيەن يەن

       خەلق زاسداتىلى    جىمىلىگۇل پەيزىللا

       2014 – يىلى 8– ئاينىڭ 8– كۈنى

پۈتۈكچى     گۈلبوس غەيرەت

         شۆ يۆ

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1493316 位访客