添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2014) ئا ج د 44- نومۇرلۇق جاۋاپكار ئxx نىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى جىنايى ئىشلار1- سو

2015-01-13 10:26:53


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

(2014) ئا ج د 44- نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان: ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

جاۋاپكار ئxx، ئەر، 1989-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان. كىملىك نومۇرى: 653021198902040012. ئۇيغۇر،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، كەسپى دىھقان، ئاتۇش شەھەر مەشەت يۇلى غەربى 1-قورو پىڭفىڭ 1-بىنا، 1-3- نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان. جاۋاپكار ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن توختۇتۇلۇپ 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنى قۇيۇپ بىرىلىپ ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن، 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە .

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى (2014)17- نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار xx ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ، 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 13- كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بۇيىچە ئادەتتىكى تەرتىپ قوللىنىپ 2014- يىلى3 - ئاينىڭ 11- كۈنى ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى. ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگىلەپ بەرگەن تەپتىش سابىرجان قۇربان، رەيxxلەر سوتتا ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋاپكار ئxx، سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ج ت ئە (2014)-17 نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق   جاۋاپكار ئxx 2012-يىلى 2- ئايدىن باشلاپ 2013-يىلى 1- ئايغىچە باشقىلارغا<<شوپۇرلۇق ئىمتاھانىدىن ئۆتكۇزۇپ قۇيىمەن ، شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى يول قىلىپ بىجىرىپ بىرىمەن ، شوپۇرلۇق پىراۋىسىنىڭ نۇمۇرىنى تۇلۇقلىتىپ بىرىمەن ،، دەپ جەمئىي  23 ئادەمنىڭ 100200 يۇەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ، جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا جاۋاپكارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>> نىڭ 266-ماددا ،67- ماددا 1- تارمىقىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ شىكايەت قىلدى .

جاۋاپكار سوتتا -<<مەن قانۇنى ئېڭىمنىڭ تۇۋەنلىكىدىن بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىپ ساپتىمەن ، بۇندىن كىيىن بۇنداق ئىشلارنى قىلمايمەن ، مەن ئېزىپتىمەن ، قانۇننى تۇنۇپ يەتتىم ، سوتنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سۇرايمەن >> دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى .

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە-<< جاۋاپكار ئەxx 2012- يىلى 2- ئايدا كاتتايلاق يېزا قۇدۇق كەنت كۆل يۇلى 139-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق نىxxدىن شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى يول قىلىپ ئېلىپ بىرىمەن دەپ 4500 يۈەن ئالغان. 2013- يىلى 12-ئايدا يەنە نىزاخۇن ئۇرايىمدىن پىراۋا نۇمۇرىنى تۇلۇقلىتىپ بىرىمەن دەپ 3000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.

2011-يىلى12-ئايدا جاۋاپكار ئxx ئازاق يېزا ئۇڭئېرىق كەنت 8-ئەتىرە 45-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق سxxن شوپۇرلۇق پىراۋىسنى يول قىلىپ ئېلىپ بىرىمەن دەپ 3000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.

2013-يىلى 9-ئايدا جاۋاپكار ئxx سۇنتاغ يېزا ئازغان كەنت باغئېرىق يۇلى 96-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئxxتىن شوپۇرلۇق پىراۋا ئىمتىھاننىڭ كالتەك تۈرىدىن يول قىلىپ ئۆتكۈزۈپ قۇيىمەن دەپ 1700 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى جاۋاپكار ئxx كاتتايلاق يېزا تىجەن كەنت بىغېرىق يۇلى 12-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ھxxدىن شوپۇرلۇق پىراۋىسسىنى يول قىلىپ بىجىرىپ بىرىمەن دەپ 5500 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى جاۋاپكار ئxx كاتتايلاق يېزا قۇدۇق كەنت كۆل يۇلى 173-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق تۇرسۇنجxxدىن شوپۇرلۇق پىراۋا ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ قۇيىمەن دەپ 2000  يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى جاۋاپكار ئxxكاتتايلاق يېزا قۇدۇق كەنت كۆل يۇلى 173-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئxxتتىن شۇپۇرلۇق پىراۋا ئىمتھاندىن ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ 2000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ، بالسىنىڭ نوپۇس ئىشلىرىنى بىجىرىپ بىرىمەن دەپ 3000يۈەن پۇل جەمئىي 5000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، زىيان ئەسلىگە كېلىپ قايتۇرۇلغان .

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى جاۋاپكار ئxx كاتتايلاق يېزا تېجەن كەنت بېغىرىق يۇلى 167-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق تxxدىن شۇپۇرلۇق پىراۋا ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ 2000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان زىيان ئەسلىگە كېلىپ قايتۇرلغان .

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى جاۋاپكار ئxx كاتتايلاق يېزا قۇدۇق كەنت كۆل يولى 127-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق خxxتىن شوپۇرلۇق پىراۋا ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ قۇيىمەن دەپ 5000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋاپكار ئەخمەتجان مەمەت قىزىل بايراق دېھقانچىلىق مەيدانى 12-رايۇن 2-كۇرپۇس 3-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق قۇربان دادىخاندىن شوپۇرلۇق پىراۋا ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ قۇيىمەن دەپ 5000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.

2012-يىلى 2-ئايدا جاۋاپكار ئxx كاتتايلاق يېزا تىجەن كەنت بىغېرىق يۇلى 83-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئاxxتتىن شوپۇرلۇق پىراۋىسنىڭ نومۇرىنى تۇلۇقلىتىپ بېرىمەن دەپ 5400يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان .          2012-يىلى 3-ئايدا جاۋاپكار ئxx كاتتايلاق يېزا قۇدۇق كەنت كۆل يۇلى 86-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ھxxشوپۇرلۇق ئىمتىھان نەزرىيە قىسمىدىن ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ 1000يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان .زىيان ئەسلىگە كېلىپ ئىگىسىگە قايتۇردى.

2012-يىلى 3-ئايدا جاۋاپكار ئxx ئۈستۈنئاتۇش يېزا لەنگەر كەنت 9-ئەترەتتە ئولتۇرۇشلۇق تxxنى شوپۇرلۇق پىراۋا ئىمتھاندىن ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ 2000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان زىيان ئەسلىگە كېلىپ قايتۇرۇلغان.

2012-يىلى 6-ئايدا جاۋاپكار ئxx ئاتۇش شەھەر نورلۇق يولى شىمالى 4-قورو 3-بىنا 2-كورۇپۇستا ئولتۇرۇشلۇق مxxدىن شوپورلۇق پىراۋىنى يول قىلىپ بىجىرىپ بىرىمەن دەپ ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ قېتمدا 10000يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان .

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25 كۈنى جاۋاپكار ئxx ئازاق يېزا بۆگەن كەنت دادۈي چوڭ يولى 128-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق تxxدىن شوپۇرلۇق پىراۋا ئىمتھاندىن ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ 4000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان زىيان ئەسلىگە كېلىپ قايتۇرلغان.

2012-يىلى 11-ئايدا جاۋاپكار ئxx سۇنتاغ يېزا ئازغان كەنت قورۇلۇش يولى 65-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئxxدىن شوپۇرلۇق پىراۋا يول قىلىپ بىجىرىپ بېرىمەن دەپ 1000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ قايتۇرۇلغان .

2012-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرى جاۋاپكار ئxxئاغۇ يېزا تۈۋەنكى مەھەللە كەنت 2-ئەترەت 34-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ھېxxدىن شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى يول قىلىپ ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ 1500يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ قايتۇرلغان. 2012-يىلى 12-ئايدا جاۋاپكار ئxx ئاقتۇ ناھيە بارىن يېزا دۆڭباغ كەنت قىشلاق مەھەللە يولى 6-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئاxxدىن شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى يول قىلىپ ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ8000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ قايتۇرلغان.

2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى جاۋاپكار ئxx ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا دۆڭباغ كەنت ساي يولى 31-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق مxxتىن شوپۇرلۇق پىراۋا يول قىلىپ ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ 6000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ قايتۇرلدى. 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى جاۋاپكار ئxx ئاقتۇ ناھيە بارىن يېزا دۆڭباغ كەنت گۈلباغ يولى 016-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئابxxدىن شوپۇرلۇق پىراۋا يول قىلىپ ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ6000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ قايتۇرلغان. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى شۇپۇرلۇق پىراۋا ئىمتىھانى يول تۈردىن ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ 2000يۈەن بولۇپ جەمئىي8000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان .زىيان ئەسلىگە كېلىپ ئىگىسگە قايتۇرۇلغان .

2013-يىلى 1-ئايدا جاۋاپكار ئxx قىزىل بايراق دېھقانچىلىق مەيدانى ئوتتۇرا باچاڭ 1-ئەترەتتە ئولتۇرۇشلۇق مەxxدىن شوپۇرلۇق پىراۋا يول قىلىپ ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ 10000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ قايتۇرلغان.

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋاپكار xx سۇنتاغ يېزا ئازغان كەنت قورۇلۇش يولى51-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق سالام مىجىتتىن شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى يول قىلىپ بىجىرىپ بىرىمەن دەپ ئۇنىڭ 10000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئەسلىگە كېلىپ قايتۇرلغان.

2012-يىلى 12- ئاينىڭ 18-كۇنى جاۋاپكار ئxx ئاقتۇلۇق مxx ، ئوسxx قاتارلىقلاردىن شوپۇرلۇق ئىمتىھاندىن ئۆتكۇزۇپ قۇيىمەن دەپ 2000 يۇەندىن جەمئىي 4000يۇەننى ئالداپ ئېلىۋالغان زىيان ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.   

 يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1 .جاۋاپكارنىڭ سالاھىتىگە دائىر ئىسپات جاۋاپكار ئxxنىڭ 8919 -يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، جىنايى جاۋاپكارلىق يېشىغا يەتكەنلىكىنى نەق ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى بىلەن بىردەك بۇلۇپ جاۋاپكارنىڭ ئىلگىرى - كىيىن 23كىشىنى ئالداپ ئۇلارنىڭ 100200يۇەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .

3. زىيانلانغۇچىلارنىڭ پۇل تاپشۇرۇپ ئېلىش ھۆججىتى ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ زىياننى تۇلۇق تۈلەپ قايتۇرغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ .

4. ئاتۇش شەھەرلىك ج ج ئىدارىسىنىڭ 2013-يىلى 4- ئاينىڭ 11-كۇنىدىكى ئىسپاتى ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: يۇقارقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتلارغا ئاساسەن ئxxنىڭ قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسىدە بىكتىلگەن پاكىتى ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق، دىلو خاراكتىرىنى بىكىتىشى ۋە قانۇن تەدبىقلىشى توغرا ، ئەيىپلەشنامە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، جاۋاپكارمۇ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ. جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى ، زىياننى تۇلۇق تۇلەپ قايتۇرغان. شۇڭا جاۋاپكارغا جازا ئۆلچەشتە جاۋاپكارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى،جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ زىياننى تۇلۇق تۇلەپ قايتۇرغانلىقى ، جىنايىتىنى تۇنۇش تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىرلەشتۇرۇپ نەزەرگە ئېلىپ جاۋاپكارغا جازا كىچىكتۈرۈلسە جەمىيەتكە قايتا خەۋىپ يەتكۈزمەيدۇ دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمۇرۇيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددسى،  67- ماددا 1- تارمىغى 52- 72- ماددىسىنىڭ بەلگۇلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىدۇ:

1. جاۋاپكار ئxxكە ئالدامچىلىق جىنايىتى ئوتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىپ   4 يىل كىچىكتۈرۈلدى . قۇشۇمچە 5000 يۈەن جەرىمانە قۇيۇلدى.

جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى ھۆكۇم ئىجرا قىلىنغان كۇندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ .

 بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۈمنامنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بىرىشكە بولىدۇ، نارازىلىق ئەرزىنىڭ ئەسلى نۇسخسى ۋە كۆچۈرمە نۇسخىسىدىن 5 نۇسخا تاپشۇردۇ.

 باش سوتچى : سxx    

  سوتچى  : بxx

خەلىق زاسىداتىلى : جxx

   

            2014 - يىلى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى

پۈتۇكچى  : زەxx

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1493315 位访客