添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2014) ئا ج د 70- نومۇرلۇق جاۋاپكار نxx ،جاۋاپكار شxx، جاۋاپكار ئxx لەرنىڭ ئوغۇلۇرق د/b>

2015-01-13 12:44:18


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

(2014) ئا ج د 70- نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

جاۋاپكار نxx ، ئەر، ئۇيغۇر، 1994- يىلى12- ئاينىڭ22- كۈنى تۇغۇلغان، كەسپى: دىھقان، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.

جاۋاپكار ئۇغۇرلوق جىنايىتى بىلەن ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 14-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىنچە توختۇتۇلغان، 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 7- كۇنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق قانۇن بويچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر ئاتۇش شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

جاۋاپكارنىڭ ئادۋۇكاتى گxx، شىنجاڭ ئاققۇ ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.

جاۋاپكار شxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1994- يىلى8- ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان، دىھقان، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان، جاۋاپكار ئۇغۇرلوق جىنايىتى بىلەن ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۇنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان، 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 7- كۇنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق قانۇن بويچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر ئاتۇش شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

جاۋاپكار ئxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1986- يىلى4- ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان، دىھقان، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان، جاۋاپكار ئۇغۇرلوق جىنايىتى بىلەن ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2013- يىلى12- ئاينىڭ 6- كۇنى جىنايى ئىشلار بويىنچە توختىتىلغان، 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 7- كۇنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش ەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان، ھازىر ئاتۇش شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ش ت ئە ( 2014 ) 39- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار نxxنى ئوغۇرلۇق، زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى، شىxx، ئxxلەرنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۇنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن، دەۋا جەرياندا قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى مەۋلان رىشىت مەھكىمىمىزگە قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلغان، مەھكىمىمىز بۇ دىلونى قۇبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە ئادەتتىكى تەرتىپ قوللىنىپ 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 14- كۇنى ئوچۇق رەسمى سوتتا قوشۇپ سوت قىلدى، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگىلىگەن تەپتىش ئxx، شxx سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى مxx، جاۋاپكار نxx، ئادۋۇكاتى گxx، جاۋاپكار شxx، ئxx، گۇۋاھچى ئxx نxxلەر سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى ( جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ قىسمىدا تەرەپلەر كىلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئايرىم كىلىشىمنامە تەييارلاندى )، ھازىر بۇ دىلۇ سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى:<< 2014- يىلى ئا ش ت ئە 39- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار نxx، شxx، ئxxلەرنىڭ قىلمىشىدىن بىرلىشىپ ئۇغۇرلوق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكار xxنىڭ قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا جاۋاپكار نxxغا <<جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>> نىڭ 264- ماددا، 234- ماددا، 25- ماددا، 26- ماددا، 67- ماددا 3- تارمىقىنىڭ، جاۋاپكار شxx بىلەن جاۋاپكار ئxxگە << جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى >> نىڭ 264- ماددا، 25- ماددا، 27- ماددا، 67- ماددا 3- تارمىقىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك شىكايەت قىلغان.

جاۋاپكار نxxسوتتا: << مەن چىقىش يولى تاپالماي ئېزىپ بۇ ئىشنى سادىر قىلىپ ساپتىمەن، كۆپ پۇشايمان قىلدىم، بۇندىن كىيىن ياخشى ئادەم بولىمەن، زىيالانغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۈرمىدىن چىقىپ تۆلەپ بىرىمەن، شۇڭا سوتنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى سورايمەن >> دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى.

جاۋاپكارنىڭ ئادۋۇكاتى سوتتا: << دىلونىڭ خاراكتىرىگە قارتا باشقىچە پىكىرىم يوق، بىراق جاۋاپكار تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، ئىپادىسى ياخشى، مەزكۇر جىنايەتتە ئەگەشكۇچىلىك رول ئوينىغان، زىياننىڭ كۆپ قىسمى ئەسلىگە كەلگەن، زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىدە زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان قىسمىنى تۆلەيمىز، شۇڭا تەربىلەشنى ئاساس جازانى قوشۇمچە قىلىپ جازا بەرسەڭلار >> دەپ ئاقلاش سوزىنى ئوتتۇرغا قويدى.

جاۋاپكار شxx سوتتا: << قانۇن ئېڭىمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بۇ ئىشنى قىلىپ ساپتىمەن، قىلغان ئىشىمنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يەتتىم، بۇندىن كىيىن قانۇنغا خىلاپ ئىشنى قىلمايمەن، قانۇننىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سۇرايمەن >> دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى.

جاۋاپكار ئxxx سوتتا: << مەن قانۇننى چۈشەنمەي بۇ ئىشنى سادىر قىپتىمەن، قىلغان ئىشىمغا تۆۋە قىلدىم بۇندىن كىيىن ياخشى ئادەم بولىمەن، سوتنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سۇرايمەن >> دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە : (1) جاۋاپكار نxx 2013- يىلى 8- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن كىيىن قىران دەريا تورخانىسىغا كىرىپ ئۇ يەردە ھەمرا ( سالايىتى ئېنىق ئەمەس ) دىگەن بالا بىلەن ئۇچۇرىشىپ ئىككىسى موتو ئۇغۇرلاپ سېتىپ پۇلىنى خەجلەشنى مەسلىھەتلىشىپ سائەت 22:00 لەر بىلەن تورخانىدىن چىقىپ ئاتۇش شەھەر مەدىنىيەت يولدىكى ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئائىلىك قوروسىغا كىرىپ، شۇ قورودا ئولتۇرۇشلوق ئxxنىڭ قورو ئىچىگە توختۇتۇپ قويغان 1766 يۈەن قىممىتىدىكى p23xxx نۇمۇرلوق موتوسىنى ئاچقۇچ بىلەن ئېچىپ ئۇغۇرلاپ، پەيجۇ نۇمۇرنى ئېلىپ تاشلىۋىتىپ جاۋاپكار نۇ xx ئۆزەمنىڭ موتوسى دەپ ھەسرەتجان ئابدۇريىمگە 500 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى ئىككىسى تەڭ خەجلەپ تۇگەتكەن، زاڭ موتو ئەينى بويىچە ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە بىرىلگەن، جاۋاپكار نxxزاڭ موتو سېتىۋالغۇچى ھەسرەتجان ئابدۇريىمگە 500 يۈەن تۆلەشكە تىگىشلىك.

  (2) جاۋاپكار نxx 2013- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۇنى ئۆزى يالغۇز كەچ سائەت 22:00 لەر بىلەن موتو ئوغۇرلاپ سېتىپ خەجلەش ئۈچۈن ئاتۇش شەھەر نۇرلوق يولى 27 -قورونىڭ ئۆتۈشمە يولدىكى ( شاتلىق تاللا بازىرغا كىردىغان ) كاردۇرغا كىرىپ شۇ يەرگە تۇختۇتۇپ قويغان سۇنتاغ يىزا ئازغان كەنىت 2- ئەترەتتە ئولتۇرۇشلوق سەمەت ئەركىننىڭ 1300 يۈەن قىممىتىدىكى ئالا باك خوندا ماركىلىق رەسمىيتى يوق موتوسىنى زاجىگەن سىمىنى كىسىپ ئوت ئالدۇرۇپ ئۇغۇرلاپ، قېيۇم ئېلىغا ئۆزەمنىڭ موتوسى دەپ 800 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، زاڭ موتو ئەسلىگە كەلمىگەن، جاۋاپكار نۇxx زىيانلانغۇچى سەمەت ئەركىنگە 1300 يۈەن تۆلەشكە تىگىشلىك.

(3) جاۋاپكار نۇxxx 2013- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۇنى ئۆزى يالغۇز كەچ سائەت 22:00 دىن ئوتكەندە موتو ئۇغۇرلاپ سېتىپ خەجلەش ئۈچۈن ئاتۇش شەھەر تەڭرى تاغ يولدىكى ھاجىمنىڭ كالا گۇشى ئۇگرىخانىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ شۇ يەرگە توختۇتۇپ قويغان ئاتۇش شەھەر پامىر يولى شەرقى 77- قورو 11- كۇرپۇستا ئولتۇرۇشلوق رەخمانجان رۇزىنىڭ 2182 يۈەن قىممىتىدىكى 26123-p نۇمۇرلوق قارا رەڭلىك خاۋجۇ ماركىلىق موتوسىنى زاجىگەن سىمىنى كىسىپ ئۇغۇرلاپ، پەيجۇسىنى ئېلىپ تاشلىۋىتىپ ئەكبەر تۇردىغا ئۇزەمنىڭ موتوسى دەپ كىملىكىنىڭ پۇيىننى بىرىپ 900 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن، زاڭ موتو ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە بىرىلدى. جاۋاپكار نۇxxزاڭ موتو سېتىۋالغۇچى ئەكبەر تۇردىغا 900 يۈەن تۆلەشكە تىگىشلىك.

(4) جاۋاپكار نxx 2013- يىلى 11- ئاينىڭ ئاخىرى مەلۇم بىر كۈنى قەشقەردە رۇستەم ( سالايتى ئېنىق ئەمەس ) دىگەن بالا بىلەن ئۇچرۇشۇپ ئويناپ كەچ سائەت 20:00 بولغاندا ئىككىسى موتو ئۇغۇرلاپ سېتىپ خەجلەش ئۈچۈن ئاتۇشقا چىقىپ، ئاتۇش شەھەر سۇنتاغ جەنۇبى يولى 44- قورو ئىچىگە كىرىپ 3- بىنا ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان شۇ بىنادا ئولتۇرۇشلوق ئادىلجان تەلئەتنىڭ 2417 يۈەن قىممىتىدىكى قىزىل سۇزىكا ماركىلىق ئەرەنچە موتوسىنى ئۇغۇرلاپ بىنانىڭ كەينىگە ئېلىپ چىقىپ زاجىگەن سىمىنى كىسىپ ئوت ئالدۇرالماي موتونى شۇ يەرگە تاشلاپ قۇيۇپ قەشقەرگە كىرىپ كەتكەن، ئەتىسى موتونى ئىگىسى يۇقارقى ئۇرۇندىن تېپىپ ئېلىپ كەتكەن، زاڭ موتو ئەسلىگە كەلگەن.

(5) جاۋاپكار نxx 2013- يىلى 11- ئاينىڭ 26-كۇنى كەچ سائەت 22:00 لەر بىلەن جاۋاپكار شىرئېلى ئابدۇمىجىت، رۇستەم ( سالايتى ئېنىق ئەمەس ) باتۇر ( سالايتى ئېنىق ئەمەس ) لەر بىلەن قەشقەردە ئۇچرۇشۇپ موتو ئۇغۇرلاپ سېتىپ خەجلەش ئۈچۈن كىچە سائەت 3:00 لەر بىلەن ئاتۇشقا چىقىپ ئاتۇش شەھەر پامىر يولدىكى سۇ ئىدارسى ئولتۇراق رايۇنى ئالدىغا كەلگەندە رۇستەم بىلەن باتۇر قەپ قالغان، جاۋاپكار xx بىلەن شxx ئىككىسى يۇقارقى قورو ئىچىگە رىشاتكىدىن ئارتىلىپ كىرىپ 1- بىنا 3- ئىشىك ئالدىغا بېرىپ شۇ بىنادا ئولتۇرۇشلوق لى دىڭ مىننىڭ بىنا ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 3723 يۈەن قىممىتىدىكى 45527- p نۇمۇرلوق موتوسىنىڭ بۇيۇن قۇلپىنى قايرىپ ئېچىپ زاجىگەن سىمىنى كىسىپ ئۇغۇرلاپ قەشقەرگە ئېلىپ كىرىپ تۇنمايدىغان بىر ئادەمگە 1000 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى تەڭ خەجلەپ تۇگەتكەن، زاڭ موتو ئەسلىگە كەلمىگەن، 3723 يۈەننى جاۋاپكار نxx بىلەن شxx زىيانلانغۇچىغا 1865.50 يۈەندىن تەڭ تۇلەشكە تىگىشلىك.

(6) جاۋاپكار نxx بىلەن شىxx يۇقارقى ئۇغۇرلۇقنى قىلىپ بۇلۇپ يەنە يۇقارقى بىنانىڭ كەينىگە ئۇتۇپ شۇ بىنادا ئولتۇرۇشلوق مۇختەرجان توختىنىڭ توككا چېتىپ زاجىگەندىن ئاچقۇچىنى ئالماي قۇيۇپ قويغان 600 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى ئۇغۇرلاپ ئېلىپ چىقىپ يۇشۇرۇپ قويغان، ئەتىسى جاۋاپكار نۇردۇللا قېيۇم يۇقارقى ھارۋىنى زۇلپىقار ئېلىغا 300 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن، زاڭ مال ئەينى بۇيىچە ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە بىرىلدى. جاۋاپكار نxxم زاڭ توكسىكىلىتىنى سېتىۋالغۇچى زۇلپىقار ئېلىغا 300 يۈەن تۆلەشكە تىگىشلىك.

(7) جاۋاپكار نxxبىلەن شxx 2013- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۇنى چۇشتىن كىيىن موتو ئۇغۇرلاپ سېتىپ خەجلەش ئۈچۈن قەشقەردىن ئاتۇشقا چىقىپ ئويناپ كەچ سائەت 21:00 لەر بىلەن ئاتۇش شەھەر پامىر يولى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يولوچى تۇشۇش بىكىتىنىڭ يېندىكى رىۋايەت تورجانىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ شۇ يەرگە توختۇتۇپ قويغان ئاتۇش شەھەر تەختىيۇن كەنىت جەمىتۇللا يولى 44- نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلوق ئەزىمەتجان ئەيسانىڭ 3274 يۈەن قىممىتىدىكى 125 تىپلىق قىزىل پۇكۇن ماركىلق رەسمىيتى يوق ئەرەنچە موتوسىنى زاجىگەن سىمىنى كىسىپ ئۇغۇرلاپ، جاۋاپكار نۇردۇللا قېيۇم ئۇزەمنىڭ دەپ سابىرجان ئابدۇكىرىمگە 3000 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى جاۋاپكارلار تەڭ خەجلەپ تۇگەتكەن، زاڭ موتو ئەينى بۇيىچە ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلدى، 3000 يۈەننى جاۋاپكارلار زاڭ موتونى سېتىۋالغۇچى سابىرجان ئابدۇكىرىمگە 1500 يۈەندىن تەڭ تۇلەشكە تىگىشلىك.

(8) جاۋاپكار نxx بىلەن شxx موتو ئۇغۇرلاپ سېتىپ خەجلەش ئۈچۈن 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن كىيىن قەشقەردىن ئاتۇشقا چىقىپ كېچە سائەت 24:00 بولغىچە ئويناپ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئاتۇش شەھەر تەڭرىتاغ يولىدىكى قىران دەريا بىناسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ شۇ يەرگە توختۇتۇپ قويغان ئاتۇش شەھەر ئازاق يېزا تېتىر كەنت 1- يول 3- نۇمۇرلوق ئۆيدە ئولتۇرۇشلوق نxxنىڭ 1500 يۈەن قىممىتىدىكى 125 تىپلىق رەسمىيتى يوق قىزىل سۇزىكا ماركىلق ئەرەنچە موتوسىنى بۇيۇن قۇلپىنى قايرىپ ئېچىپ ئۇغۇرلاپ، ئxxىننىڭ ئولگۇرۋايدىكى ئىجارە ئولتۇرغان ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ قۇنۇپ ئەتىسى موتوغا زاجىگەن سالدۇرۇپ جاۋاپكار نxx شxx، ئxx ( بۇ ئۇغۇرلوققا قاتناشمىغان ) ئۇچى موتونى قەشقەر كونا شەھەر ناھيە ئاققاش يىزىسىغا ئېلىپ بېرىپ ئابىدىن مەخسۇمغا 1000 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى ئۇچى تەڭ خەجلەپ تۇگەتكەن، زاڭ موتو ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلدى، 1000 يۈەننى جاۋاپكار نۇردۇللا قېيۇم، شىرئېلى ئابدۇمىجىت بىلەن ئەركىن مەمەتئىمىن ئۇچى زاڭ موتونى سېتىۋالغۇچى ئابىدىن مەخسۇمغا 333.33 يۈەندىن تەڭ تۇلەشكە تىگىشلىك.

(9) جاۋاپكار نxx بىلەن شxx ئىككىسى يۇقارقى ئۇغۇرلوقنى قىلىپ بۇلۇپ يەنە موتو ئۇغۇرلاش ئۈچۈن ئاتۇش شەھەر تەڭرى تاغ گۇللۇك ئولتۇراق رايۇنى ئىچىگە كىرىپ 6- بىنا ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان شۇ بىنادا ئولتۇرۇشلوق خۇدابەردى رۇزىنىڭ 3231 يۈەن قىممىتىدىكى قىزىل سۇزىكا ماركىلق رەسمىيتى يوق موتوسىنى زاجىگەن سىمىنى كىسىپ ئۇغۇرلاپ، ئxxنىڭ ئولگۇرۋايدىكى ئىجارە ئولتۇرغان ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ قۇنۇپ ئەتىسى موتوغا زاجىگەن سالدۇرۇپ جاۋاپكار نxx، شىxx ئxx( بۇ ئۇغۇرلوققا قاتناشمىغان ) ئۇچى موتونى قەشقەر كونا شەھەر ناھيە ئاققاش يىزىسىغا ئېلىپ بېرىپ يۇسۇپجان ئېلىغا 2800 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى ئۇچى تەڭ خەجلەپ تۇگەتكەن، زاڭ موتو ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلدى. 2800 يۈەننى جاۋاپكار نxx، شxx، ئxx ئۇچى زاڭ موتونى سېتىۋالغۇچى يۇسۇپجان ئېلىغا 933.33 يۈەندىن تەڭ تۇلەشكە تىگىشلىك.

(10) جاۋاپكار نxx، شىxx، ئxx ئۈچى 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۇنى چۇشتىن كىيىن موتو ئۇغۇرلاپ سېتىپ خەجلەش ئۈچۈن قەشقەردىن ئاتۇشقا چىقىپ، ئاتۇش شەھەر ۋىنجۇ مىھمانخانىسىدىن ياتاق ئېلىپ يېتىپ كىچە سائەت 1:00 لەر بىلەن ياتاقتىن چىقىپ يۇقارقى مىھمانخانىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان، ئاتۇش شەھەر ئاغۇ يېزا ئارامەھەللە كەنىت 4- گۇرۇپ 07- نۇمۇرلوق ئۆيدە ئولتۇرۇشلوق. شxxنىڭ 2664 يۈەن قىممىتىدىكى xxx19J- نۇمۇرلوق موتوسىنىڭ بۇيۇن قۇلپىنى قايرىپ ئېچىپ زاجىگەن سىمىنى كىسىپ ئۇغۇرلاپ، پەيجۇسىنى ئېلىپ تاشلىۋىتىپ، جاۋاپكار نxx ئۇزى يالغۇز سەمى تۇرسۇنغا 3000 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى ئۇزى خەجلەپ تۇگەتكەن، زاڭ موتو ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلدى، جاۋاپكار نxx زاڭ موتونى سېتىۋالغۇچى سەمى تۇرسۇنغا 3000 يۈەن تۆلەشكە تىگىشلىك.

(11) جاۋاپكار نxx، شxx، ئxx ئۇچى يۇقارقى ئۇغۇرلوقنى قىلىپ بۇلۇپ يەنە يۇقارقى مىھمانخانىنىڭ قارشى تەرپىدىكى تۇربا ماتىرىياللىرنى سېتىش دۇككۇننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ئاتۇش شەھەركاتايلاق يېزا چوقچى كەنت 9- ئەتىرەتتە ئولتۇرۇشلوق زايىرجان ئېلىنىڭ 5336 يۈەن قىممىتىدىكى 125 تىپلىق قىزىل سۇزىكا ماركىلىق رەسمىيتى يوق موتوسىنى يۇقارقى ئۇسۇلدا ئۇغۇرلاپ جاۋاپكار شىxxبىلەن ئxx ئىككىسى سېتىش ئۈچۈن قەشقەر كوناشەھەر ناھيە ئاققاش يىزىسىغا ئېلىپ بېرىپ ساتماقچى بولغاندا ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارسى ساقچىللىرى تەرپىدىن تۇتۇلغان، زاڭ موتو ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلدى.

(12) جاۋاپكار ن xx،شxx، ئxx ئۇچى يۇقارقى ئۇغۇرلوقنى قىلىپ بۇلۇپ يەنە موتو ئۇغۇرلاش ئۈچۈن ئاتۇش شەھەر دوسلوق ئولتۇراق رايۇننىڭ يېنىدىكى ئىسسىقلىق ئىنىرگىيە شىركىتىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، شۇ يەرگە توختۇتۇپ قويغان ئۇلۇغچات ناھىيە تېرەك يېزا تېرەك كەنىت 4- كۇرۇپ 17- نۇمۇرلوق ئۆيدە ئولتۇرۇشلوق بەكمەممەت داۋۇتنىڭ 5329 يۈەن قىممىتىدىكى 125 تىپلىق قارا رەڭلىك سۇزىكا ماركىلىق رەسمىيتى يوق موتوسىنى يۇقارقى ئۇسۇلدا ئۇغۇرلاپ، جاۋاپكار نxx ئۇزى يالغۇز قەشقەرگە ئېلىپ كىرىپ باشقىلارغا 1000 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن، زاڭ موتو ئەسلىگە كەلمىگەن، جاۋاپكار نxxزىيانلانغۇچى بەكمەممەت داۋۇتقا 5329 يۈەن تۇلەشكە تىگىشلىك.

(13) جاۋاپكار شىxx ئxx ئىككىسى يۇقارقى ئۇغۇرلوقنى قىلىپ بۇلۇپ يەنە موتو ئۇغۇرلاش ئۈچۈن ئاتۇش شەھەر تەڭرىتاغ يولدىكى مەرىپەت تىز تاماقخانىسىنىڭ ئالدىدىكى يول بۇيىغا توختۇتۇپ قويغان ئاتۇش شەھەر سۇنتاغ جەنۇبى يولى 7- قورو 6- دۇڭ 5-6- نۇمۇرلوق ئۆيدە ئولتۇرۇشلوق پەرمان ئەكىشنىڭ 5980 يۈەن قىممىتىدىكى xxx50p نۇمۇرلوق موتوسىنىڭ بۇيۇن قۇلپىنى قايرىپ ئېچىپ ئۇغۇرلاپ، ھاۋارايى ئىدارسىنىڭ ئۇدۇلدىكى قورو ئىچىگە ئېلىپ بېرىپ، پەيجۇسىنى ئېلىپ تاشلىۋىتىپ يۇشۇرۇپ قويغان، موتو بىلەن پەيجۇ نۇمۇرى ئەينەن ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىلگەن.

(14) جاۋاپكار نxx 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 9- كۇنى ئۆزى يالغۇز چۇشتىن كىيىن موتۇ ئۇغۇرلاپ سېتىش ئۈچۈن قەشقەردىن ئاتۇشقا چىقىپ، بورتخانىدا كىچە سائەت 23:00 بولغىچە ئويناپ چىقىپ، ئاتۇش شەھەر سۇنتاغ يولدىكى ئوبلاستلىق 2- ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇدۇلىغا كىلىپ، شۇ يەردىكى سەھەر تاملىرى ئاشخانىسىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان، ئاتۇش شەھەر ئاغۇ يېزا يۇقارقى مەھەللە كەنىت 4- ئەتىرەت 036- نۇمۇرلوق ئۆيدە ئولتۇرۇشلوق سەمىجان خۇدابەردىنىڭ 3450 يۈەن قىممىتىدىكى 125 تىپلىق خاۋجۇ ماركىلق رەسمىيتى يوق موتوسىنىڭ بۇيۇن قۇلپىنى قايرىپ ئېچىپ ئۇغۇرلاپ، زاجىگەن سالدۇرۇپ تۇرسۇنجان ئابدۇلىمىتكە 2000 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن، زاڭ موتو ئەسلىگە كەلمىگەن. جاۋاپكار نxx زىيانلانغۇچى سxxگە 3450يۈەن تۇلەشكە تىگىشلىك.

(15) جاۋاپكار نxx 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۇنى ئۆزى يالغۇز چۇشتىن كىيىن موتۇ ئۇغۇرلاپ سېتىش ئۈچۈن قەشقەردىن ئاتۇشقا چىقىپ، بورتخاندا كىچە سائەت 23:00 بولغىچە ئويناپ چىقىپ، ئاتۇش شەھەر سۇنتاغ يولدىكى شىنخى مىھمانخانىسىنىڭ كەينىدىكى ھويلىغا كىرىپ شۇ يەرگە تۇختۇتۇپ قويغان ئاتۇش شەھەر ئازاق يېزا يۇقۇر ئىشتاجى كەنىت تاغ باغرى يولى 60- نۇمۇرلوق ئۆيدە ئولتۇرۇشلوق نxxنىڭ 3874 يۈەن قىممىتىدىكى 125 تىپلىق قىزىل سۇزىكا ماركىلىق رەسمىيتى يوق موتوسىنى زاجىگەن سىمىنى كىسىپ ئۇغۇرلاپ زاجىگەن سالدۇرۇپ قىران دەريا بىناسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىلىپ، شورەت دولقۇنغا 2000 يۈەنگە سېتىپ ئالدىن 500 يۈەننى ئېلىپ، قالغان پۇلنى كىيىن ئالدىغان بۇلۇپ كىتىپ پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن، ئۇنىڭدىن كىيىن زىيانلانخۇچى نxxكىلىپ شxxدىن موتوسىنى تۇنىۋېلىپ ئېلىپ كەتكەن، موتو ئەسلىگە كەلگەن، جاۋاپكار نxx زاڭ موتونى سېتىۋالغۇچى شxxغا 500 يۈەن تۇلەشكە تىگىشلىك.

جاۋاپكار نxx2012-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۇنى كەشتە ئاتۇش شەھەر بەخىت يولى بىلەن ئىتتىپاق يولى كىسىشىدىغان (قۇم بازىرى ) دوقىدىكى ئەنىۋەر ئابلانىڭ دوغخانىسىدا ئەنxx، رxxر، ئاxxقاتارلىقلار بىلەن ئولتۇرسا، قېشىغا شۇ يەردە ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان مەxx كەلگەندە، جاۋاپكار نxx ئۇنىڭغا سەن بۇ يەردىن كەت، بىز سىنىڭ ئاكاڭ بىلەن بىرگە ئوينايمىز دىگەندە، مەxx سىنىڭ نىمە كارىڭ دەپ كەتمىگەندە، جاۋاپكار مەxxنىڭ بىقىنىدىن ئىككى قولدا تۇتۇپ كەينىگە ئىتتىرىپ ئالدىغا تارتقاندا، مxx يىقىلىپ ئوڭ پۇتىنىڭ تىزى يولىنىڭ قىرىغا تىگىپ زەخمىلەنگەنىلىكى ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1- ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ توردىن چۈشۈرگەن دائىمى تۇرۇشلۇق نوپۇس ئىسپاتى جاۋاپكار نxxنىڭ 1994- يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى تۇغۇلغانلىقى، جاۋاپكار شxxنىڭ 1994- يىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، جاۋاپكار ئxxنىڭ 1986- يىلى 4- ئاينىڭ 3- كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، جاۋاپكارلارنىڭ جاۋاپكارلىق يېشىغا توشقانلىقى ھەم جاۋاپكارلارنىڭ نەخ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2- جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سوزى ئۆز ئارا ماس كەلگەن بولۇپ جاۋاپكارلارنىڭ 2013- يىلى 8- ئايدىن 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنىگىچە ئاتۇش شەھەر ئىچىدە شەخسلەرنىڭ 46626 يۈەن قىممىتىدىكى موتوسىنى ئوغۇرلىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

3- ئاتۇش شەھەرلىك باھا نازارەتچىلىك ئىدارىسى باھا دەلىلەش مەركىزىنىڭ 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۇنىدىكى باھالاشنامىسى جاۋاپكارلار ئوغۇرلىغان 15 دانە موتونىڭ قىممىتىنىڭ 46626 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

4- تۇتۇپ قالغان، قايتۇرغان نەرسە تىزىملىكى جاۋاپكارلار ئوغۇرلىغان موتونى زاڭ سېتىۋالغۇچىلاردىن ج خ ساقىچىللىرىنىڭ قايتۇرۇپ كىلىپ موتو ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

5- زاڭ مال سۇرەتلىرى جاۋاپكارلار بىلەن سوتتا يۇزلەشتۇرۇلۇپ ئىسپاتلىق كوچى بىكىتىلدى.

6- قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ج خ ئىدارسى جىنايى ئىشلار پەن-تەخنىكىلىق باھالاش ئورنىنىڭ ( 2013 ) 313- نۇمۇرلوق ئادەم بەدىنى زەخمىسىنى باھالاش پىكىرنامىسى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى مxxنىڭ زەخمىسىنىڭ يىنىك زەخمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: سوتتا تەكشۇرۇپ ئېنىقلانغان پاكىتلاردىن قارىغاندا جاۋاپكار نxx 2013- يىلى يىلى 8- ئايدىن 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنىگىچە ئاتۇش شەھەر ئىچىدە ئۆزى يالغۇز 4 قېتىم، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ 10 قېتىم جەمئى 14 قېتىم ئوغۇرلق قىلىپ شەخسلەرگە 40646 يۈەن قىممىتىدە زىيان سالغانلىقدىن، جاۋاپكار شىxxنىڭ 2013- يىلى 11- ئاينىڭ 26- كۇنىدىن 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ جەمئى 9 قېتىم ئوغۇرلۇق دىلوسى سادىر قىلىپ شەخسلەرگە 31631 يۈەن قىممىتىدە زىيان سالغانلىقدىن، جاۋاپكار ئxxنىڭ باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ 4 قېتىم ئوغۇرلۇق دىلوسى سادىر قىلپ شەخسلەرگە 19645 يۈەن قىممەتتە زىيان سالغانلىقدىن ئىبارەت پاكتىنى بىكىتىشكە بولىدۇ، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دەلىل- ئىسپاتلارنى تەھلىل قىلىپ دىلۇنىڭ پاكىتلىرىنى بىكىتىشى، قانۇن ماددىلارنى تەدبىقىلىشى توغرا بولغان، ئەيىپلەشنامە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، جاۋاپكارلارمۇ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جاۋاپكار نxxنىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ جاۋاپكار بۇ جىنايەتتە ئاساسلىق رول ئوينىمىغان ئەگەشكۇچىلىك رول ئوينىغان، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان دىگەن ئاقلاش سوزىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، جاۋاپكار نxx قېيۇمغا جازا ئولچەشتە- جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى ئىكەنلىكى، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى، زىياننىڭ كوپ قىسمىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى، زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتىدە زىيانلانغۇچى بىلەن ھەق تەلەپ قىسمىدا كىلىشىپ قالغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ مۇۋاپىق جازا بىرىشكە تىگىشلىك، ھەم زىيانلانغۇچىلارغا 11944.5 يۈەن، زاڭ سېتىۋالغۇچىلارغا 7966.66 يۈەن تۆلەپ بىرىشكە تىگشلىك دەپ قاراپ << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى >> نىڭ 264-، 234-، 69-،67- ماددا 3- تارمىقى، 52-، 36-، 26-، 25- ماددىسنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار شxxتكە جازا ئولچەشتە- جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى ئىكەنلىكى، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى، زىياننىڭ كوپ قىسمىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ مۇۋاپىق جازا بىرىشكە ھەم زىيانلانغۇچىلارغا 1865.5 يۈەن، زاڭ سېتىۋالغۇچىلارغا 2766.66 يۈەن تۆلەشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى >> نىڭ 264- ماددا، 67- ماددا 3- تارمىقىنىڭ، 52-، 36-، 27-، 25- ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار ئxxگە جازا ئولچەشتە- جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى، زىياننىڭ كوپ قىسمىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ مۇۋاپىق جازا بىرىشكە ھەم زاڭ سېتىۋالغۇچىلارغا 1266.66 يۈەن ( ئۆزى بۇ ئىككى قېتىمقى ئوغۇرلۇققا قاتناشمىغان ئەمما يۇقارقى ئىككى جاۋاپكار ئوغۇرلىغان موتونى ساتقان پۇلنى تەڭ خەجلىگەن ) تۆلەشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى >> نىڭ 264- ماددا، 67- ماددا 3- تارمىقىنىڭ، 52- ماددا، 36-، 25-، 27- ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

1- جاۋاپكار نxxگە ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئوتكۇزگەنلىكى ئۈچۈن مۇددەتلىك 2 يىل 8 ئايلىق قاماق جازاسى، قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۇزگەنلىكى ئۈچۈن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىپ يىغىندى جازا 3 يىل 4 ئايلىق قاماق جازاسىدىن، ئەمىلى ئىجرا قىلىنىدىغان جازا مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى، قوشۇمچە 20000 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۇنىدىن 2016- يىلى 12- ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە بولىدۇ.

2- جاۋاپكار نxx زاڭ سېتىۋالغۇچى ھەسرەتجان ئابىدىريىمگە 500 يۈەن، ئەكبەر تۇردىغا 900 يۈەن، زۇلپىقار ئېلىغا 300 يۈەن، سابىرجان ئابدىكىرىمگە 1500 يۈەن، ئابىدىن مەخسۇمغا 333.33 يۈەن، يۇسۇپجان ئېلىغا 933.33 يۈەن، سەمى تۇرسۇنغا 3000 يۈەن، شوھرەت دولقۇنغا 500 يۈەن، زىيانلانغۇچى سxx ئەركىنگە 1300 يۈەن، لى دىڭ مىنگە 1865.50 يۈەن، بxxقا 5329 يۈەن، سxxگە 3450 يۈەن تۆلەپ بىرىدۇ.

3- جاۋاپكار شxxxكە ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۆتكۇزگەنلىكى ئۈچۈن مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازا بىرىلدى، قوشۇمچە 10000 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

جاۋاپكار شxxنىڭ جازا مۇددىتى 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۇنىدىن 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە بولىدۇ.

4- جاۋاپكار شxx زاڭ سېتىۋالغۇچى سxxگە 1500 يۈەن، ئابxx333.33 يۈەن، يxxا 933.33 يۈەن، زىيانلانغۇچى لى xxگە 1865.5 يۈەن تۆلەپ بىرىدۇ.

5- جاۋاپكار ئxxگە ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۆتكۇزگەنلىكى ئۈچۈن مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى، قوشۇمچە 5000 يۈەن جەرىمانە قويۇيلدى.

جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۇنىدىن 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە بولىدۇ.

جاۋاپكار ئxx زاڭ سېتىۋالغۇچى ئاxxغا 333.33 يۈەن، يxxغا 933.33 يۈەن تۆلەپ بىرىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا ھۆكۈمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز ۋە ئۇنىڭ كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسخا تاپشۇرسا بولىدۇ.

باش سوتچى:  ئاxx

سوتچى:   نxx

خەلق زاسداتىلى:  رxx

2014-يىلى 5 -ئاينىڭ 6-كۈنى

   پۈتكۈچى : زxx

F�+mlp����nter dir=RTL style='margin-right:23.75pt;mso-para-margin-right: 2.26gd;text-align:center;text-indent:17.7pt;mso-char-indent-count:.98; line-height:26.0pt;direction:rtl;unicode-bidi:embed'>

   پۈتكۈچى : زxx

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1497553 位访客