添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2015) ئا ج د 15- نۇمۇرلۇق ئxxنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى 1-سوت دىلوسى جىن

2015-03-13 17:50:28


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

(2015) ئا ج د 15- نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

جاۋاپكار: ئxx ئەر، قىرغىز، دىھقان ، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.

جاۋاپكار خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىز تەرپىدىن 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.

جاۋاپكارنىڭ ئاقلىغۇچىسى: سxx، شxx چاقماق دەريا ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ش ت ئە (2014) 173- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ئxxنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ، 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن ، مەھكىمىمىز بۇ دىلونى قۇبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە ئادەتتىكى تەرتىپنى تەدبىقلاپ، 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى. ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگىلىگەن تەپتىش نۇرجامال سىدىق سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋاپكار ئxx ۋە ئۇنىڭ ئاقىلىغۇچىسى سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى ، ھازىر بۇ دىلونى قاراپ چىقىش ئاياغلاشتۇرۇلدى.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: ئا ش ت ئە (2014) 173- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ئxx 2013- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كىيىن پىراۋىسىز نومۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ بەش ئادەمنىڭ يارىلىنشىنى ۋە ئىككى تەرەپ قاتناش ۋاستىلىرى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، جاۋاپكارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا جاۋاپكارغا << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى >> نىڭ 133- ماددا ، 67- ماددا 3- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ شىكايەت قىلدى.

جاۋاپكار سوتتا: «مىنىڭ بۇ قىلمىشىم قانۇنغا خىلاپ ئىكەن، مەن خاتا قىلىپتىمەن،بۇ قىلىمىشىمغا تۆۋە قىلىدىم، ۋەقەدە زىيانلانغۇچىلارنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىقتىسادى چىقىملىرىنى تۆلەپ بەرسەم ، شۇڭا سوت مەھكىمىسنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن» دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى.

جاۋاپكارنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتتا <<دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتىلىرىدىن قارىغاندا جاپكار ئxxنىڭ قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دىلونىڭ خاراكىتىرىنى بىكىتشى توغرا بولغان، جاۋاپكار تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان بۇ قېتىم قانۇن سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن تاسادىبى بۇ جىنايى قىلمىشنى سادىر قىلىپ قويغان، جاۋاپكار ج خ ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغاندا قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا ئۆلچەشتە كەڭچىلىك بىلەن يىنىك جازا بەرسەڭلار>>دەپ ئاقلىدى.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋاپكار 2013- يىلى11- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كېيىن پىراۋىسىز ھالدا نومۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنىڭ كەينىگە مxxنى مىندۈرۈپ ھەيدەپ ، ئاتۇش شەھەر قاراجۈل يىزا ئۆلكە يولى 306- لىنىيەسى ئارقىلىق شەرىقتىن غەرپكە قاراپ يول يۈرۈپ، 386 كىلومىتىر 67+ مىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئۈxx پىراۋىسىز ھالدا ھەيدىگەن،موتسىكلىتنىڭ كەينىگە جxx بىلەن مۇxxنى مىندۈرگەن نومۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكلىت بىلەن سوقۇشۇپ كىتىپ نەتىجىدە ئxx، ئۈxx، مxx، جxx، مۇxx يارىلىنىشتەك، ئىككى تەرەپ قاتناش ۋاستىلىرى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى 2013- يىللىق 00187- نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى چىقىرىپ ئxx بىلەن ئۈxx بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىسىدە تەڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مxx، جxx، مۇxxلەر ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بىكىتكەن، قىزىلسۇ ئوبلاسلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنى (2014) 539- نومۇرلۇق قاندىكى ئىتىل ئالكوھول تەركىبىنى باھالاش نەتىجىسىدىن <<ئxxنىڭ قېنىدا ھەر 100 مىللىلىتىر قاندا 90.05 مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بارلىقى>> ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتىكى دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1- جاۋاپكارنىڭ سالاھيىتىگە دائىر ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىق يېشىغا يەتكەنلىكى ۋە جاۋاپكارنىڭ نەق ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2- جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، ئۆز ئارا ماس كەلگەن بولۇپ، جاۋاپكار ئxxنىڭ 2013- يىلى11- ئاينىڭ 1- كۇنى قاتناش ھادىسى پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

3- ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ (2013) xx- نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى، جاۋاپكار ئxx بىلەن ئxxنىڭ بۇ قىتىمقى قاتناش ھادىسىسىدە تەڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلقى، مxx ، جxx، مxxلەرنىڭ ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقنى ئىسپاتلايدۇ.

4. قىزىلسۇ ئوبلاسلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ (2014)xx- نومۇرلۇق قاندىكى ئىتىل ئالكوھول تەركىبىنى باھالاش نەتىجىسى، جاۋاپكارنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىدا 90.05 مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .

  5. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەخ مەيدان سۈرەتلىرى، جاۋاپكارنىڭ ۋەقە سادىر قىلغان ۋاقىت، ئورۇن ۋە سەۋەپ - نەتىجە قاتارلىقلارنى ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: سوتتا تەكشۇرۇپ ئېنىقلانغان پاكىتلاردىن قارىغاندا جاۋاپكار ئxxنىڭ قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارمۇ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئا ش ت ئە (2014 ) 173- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسىدە بىكىتىلگەن پاكىتلار ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلار تولۇق، دىلو خاراكىتىرىنى بىكىتىشى ۋە قانۇن ماددىلارنى تەتبىقلىشى توغرا بولغان، ئەيىپلەشنامە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئاقىلىغۇچىسىنىڭ <<دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل - ئىسپاتىلىرىدىن قارىغاندا جاۋاپكار ئxxنىڭ قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دىلونىڭ خاراكىتىرنى بىكىتشى توغرا بولغان، جاۋاپكار تۇنجى قىتىم جىنايەت سادىر قىلىغان، بۇ قىتىم قانۇن سەۋىيسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن تاساددىبىي بۇ جىنايى قىلىمىشىنى سادىر قىلىپ قويغان، جاۋاپكار ج خ ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغاندا ئۆزى قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا ئۆلچەشتە كەڭچىللىك بىلەن يىنىك جازا بەرسەڭلار>> دىگەن پىكىرىنىڭ بەلگۇلۇك قانۇنى ئاساسى بار، قۇبۇل قىلىشقا بۇلىدۇ، جاۋاپكار سوتتا زىيانلانغۇچىلار بىلەن كىلىشىپ، ئومۇمى زىيانلىرىنى نەقلەشىتۈرۈپ، زىيانلانغۇچىلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەن، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا ئۆلچەشتە جاۋاپكارنىڭ تۈنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقىنى، جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋاپكارغا جازا كىچىكتۈرۈلسە جەمئىيەتكە قايتا خەۋىپ يەتكۈزمەيدۇ دەپ قاراپ<< جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى >> نىڭ 133- ماددا 67- ماددا 3- تارمىقى، 72 -، 52- ماددىسىدىكى بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

جاۋاپكار ئxxنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن بىر ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ ، ئىككى ئاي كىچىكتۈرۈلدى، قوشۇمچە 2000 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا ھۆكۈمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز ۋە ئۇنىڭ كۆچۈرمىسىدىن بەش نۇسقا تاپشۇرسا بولىدۇ.

باش سوتچى      ماينۇر تۇردى

    بىجىرگۈچى سوتچى      كۆرەش نازا

      خەلق زاسداتىلى      تۇرسۇنجان قۇربان

2015-يىلى 1 -ئاينىڭ 21-كۈنى

پۈتۈكچى     كەنجىبۇۋى يۇنۇس

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1493334 位访客