添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2015) ئا ج د 25- نۇمۇرلۇق جاۋاپكار ھxxنىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى 1-س/b>

2015-03-13 18:37:02


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

(2015) ئا ج د 25- نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان: ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

جاۋاپكار : ھxx، ئەر، ئۇيغۇر،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان. قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلسىگە كېپىلگە بېرىلگەن. 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن شۇ جىنايەت بىلەن دىلو تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلسىگە كېپىلگە بېرىلگەن. ھازىر ئائىلسىدە كىپىلدە.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ش ت ئە ( 2015 ) 7- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ھxxنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ، 2015- يىلى 1 - ئاينىڭ 22- كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى تەدبىقلاپ، 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى. ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگىلىگەن تەپتىش ئەxx ، مەxx سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋاپكارھxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ش ت ئە ( 2015 ) 7- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ھxxنى 2014-يىلى7-ئاينىڭ16-كۈنى ئۆزىنىڭ 新P1xxxxنۇمۇرلۇق يىنىك تىپتىكى ماشىنىسىنىڭ كەينىگە تxx ھەيدىگەن ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى چېتىپ ھەيدەپ مېڭىپ، نەتىجىدە سۆرىتىپ ماڭغان ئۈچ چاقلىق توك سىكلىت ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپ، تxx ئۆلۈپ كىتىش، ئىككى تەرەپ قاتناش ۋاستىللىرى بۇزۇلۇشتەك قاتناش ھادىسىسىنى پەيدا قىلغان، جاۋاپكارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ شىكايەت قىلدى.

جاۋاپكار ھxx سوتتا: << مەن بۇ قىلىمىشىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم، قىلمىشىمغا تۆۋە قىلدىم ھەم كۆپ پۇشايمان قىلدىم، شۇڭا سوتنىڭ بىر قېتىم پۇرسەت بىرىپ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن >> دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋاپكار ھxx 2014-يىلى7-ئاينىڭ16-كۈنى سائەت 18دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ 新P 1xxxxنۇمۇرلۇق يىنىك تىپتىكى يۈك ماشىنىسىنىڭ كەينىگە تxx ھەيدىگەن ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى(كاشىلا كۆرۈلگەن) چېتىپ ھەيدەپ مېڭىپ،ئاتۇش شەھەر ئاغۇ يېزا يولى ئارقىلىق غەرىپتىن شەرىققە قاراپ يول يۈرۈپ، ئاغۇ يېزا لەنگەر كەنىت 1-ئەترەت 58-نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە سۆرىتىپ ماڭغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت كونتىروللىقىنى يوقىتىپ ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن، نەتىجىدە تxx زەخمىلىنىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كىتىشتەك، ئىككى تەرەپ قاتناش ۋاستىللىرى بۇزۇلۇشتەك قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىققان.

ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى (2014) 00142-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسىدا جاۋاپكارھxxنى بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە تولۇق مەسئۇلىيەتنىى ئۈسىتىگە ئالىدۇ، ئۆلگۈچى تxxنى ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بېكىتكەنلىكى، ئاتۇش شەھەرلىك يول قاتناش ۋەقەلىرى خەلق مۇرەسسە كومېتىتىدا جاۋاپكارنىڭ زىيانلانغۇچى تەرەپ بىلەن كىلىشىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى بېكىتىشىتىكى دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1- جاۋاپكارنىڭ سالاھيىتىگە دائىر كىملىك ئىسپاتى- جاۋاپكار ھxxنىڭ 1960- يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، جاۋاپكارلىق يېشىغا يەتكەنلىكىنى ۋە نەق ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. ئاتۇش شەھەرلىك خ خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ (2014) 00142-نۇمۇرلۇق ئىتراپنامىسى ئارقىلىق بۇ ھادىسىدە جاۋاپكار ھxxنىڭ تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.

3. ئاتۇش شەھەرلىك يول قاتناش ۋەقەلىرى خەلق مۇرەسسە كومېتىتىنىڭ 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى (2014)333-نۇمۇرلۇق مۇرەسسەنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ زىيانلانغۇچى تەرەپنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ كىلىشىپ قالغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.

4. نەق مەيدان سۈرەتلىرى سوتتا جاۋاپكار بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈپ ئىسپاتلىق كۈچى بېكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتلاردىن قارىغاندا جاۋاپكار ھ xxنىڭ قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ دەلىل- ئىسپات پاكىتى تولۇق بولۇپ جاۋاپكارمۇ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دىلو خاراكتىرىنى بىكىتىشى ۋە قانۇن ماددىلارنى تەدبىقلىشى توغرا بولغان، ئەيىپلەشنامە تولۇق پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچەشتە­­ جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىقىنى، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقىنى، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى، زىيالانغۇچىلارنىڭ زىيانلىرىنى تۆلەپ كىلىشىپ قالغانلىقىدەك تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ مۇۋاپىق جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى >> نىڭ 133- ماددا ، 67-ماددا 3-تارمىقى، 72- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

جاۋاپكار ھxxغا قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن مۇددەتلىك بىر يېرىم يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كىچىكتۈرۈلدى.

( جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ ). 

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۈمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىزنىڭ ئەسلى نۇسقىسى ۋە كۆچۈرمە نۇسقىسىدىن 5 نۇسقا تاپشۇرىشى كېرەك.

سوتچى: ئابدۇخېلىل ئابدۇرىھىم

2015 - يىلى2- ئاينىڭ 4- كۈنى

پۈتۈكچى: لىۋايىدىن كامىل

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1497429 位访客