添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2015) ئا ج د 23- نۇمۇرلۇق جاۋاپكار ئى xxنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى 1-سوت

2015-03-13 18:45:48


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

(2015) ئا ج د 23- نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۇچى ئورگان ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

جاۋاپكار ئى xx ، ئەر، ئۇيغۇر، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان. جاۋاپكار خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىز تەرىپىدىن 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 13- كۈنى ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ش ت ئە ( 2015 ) 6- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ئى xx نى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ، 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 13- كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى تەدبىقلاپ، 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنى ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى. ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگىلىگەن تەپتىش ر xx، ئە xx لار سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋاپكار ئى xx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ش ت ئە ( 2015 ) 6- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ئى xx 2014- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتۇسىكىلىتنى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، جاۋاپكارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا جاۋاپكارغا <<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>>نىڭ 133- ماددا ، 67- ماددا 3- تارمىقىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ شىكايەت قىلدى.

جاۋاپكارئى xx سوتتا: «مەن جىنايىتىمنى تونۇپ يەتتىم، قاتتىق پۇشايمان قىلدىم، پالەچ بولۇپ قالغان ياشانغان ئانام مىنىڭ كۈتۈشۈمگە مۇھتاج شۇڭا قانۇنىنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن» دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋاپكار ئى xx 2014- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى 15 دىن 20 مىنوت ئۆتكەندە xx نۇمۇرلۇق ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتىسىكىلىتنى ھەيدەپ ، ئاتۇش شەھەر مەدىنىيەت يولى ئارقىلىق جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ يول يۈرۈپ ،ئاممىۋى يول بىلەن مەدىنىيەت يولى كىسشكەن ئورۇندا سولغا بۇرۇلغاندا ، ئاممىۋى يولى ئارقلىق شەرقتىن غەرپكە قاراپ يول يۈرگەن ئامىنە مەممەت بىلەن سوقۇشۇپ كېتىپ، نەتىجىدە ئاxx ۋە ساxx زەخمىلىنىشتەك ئىككى تەرەپ قاتناش ۋاستىللىرى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان، قىزىلسۇ ئوبلاسلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئورنىنىڭ جىنايى ئىشلار پەن تىخنىكىسى بويىچە [2014] 553- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئېتىل- ئالكۇھۇل مىقتارىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نەتىجىسىدە جاۋاپكارنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قاندا 124.98 مىللىگىرام ئىسپىرت تەركىۋى بارلىقى ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتىكى دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1- ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ توردىن چۇشۈرۈلگەن دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇس ئىسپاتى، جاۋاپكارنىڭ 19xx- يىلى xx- ئاينىڭ xx- كۈنى تۇغۇلغانلىقى، جاۋاپكارلىق يېشىغا توشقانلىقى ھەم جاۋاپكارنىڭ نەخ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2 - قىزىلسۇ ئوبلاسلىق ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار پەن تىخنىكىسى بويىچە [2014] 553- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئېتىل- ئالكۇھۇل مىقدارىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نەتىجىسىدە جاۋاپكارنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قاندا 124.98 مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بارلىقى ئىسپاتلىنىدۇ .

3- جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى جاۋاپكارنىڭ 2014- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئىككى چاقلىق موتىسىكىلىت ھەيدىگەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

4- نەخ مەيدان سۇرەتلىرى، نەخ مەيدا خەرىتىسى، نەخ مەيدان تەكشۇرۇش خاتىرىسى سوتتا جاۋاپكار بىلەن يۈزلەشتۇرلۈپ ئىسپاتلىق كۈچى بىكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: سوتتا تەكشۇرۇپ ئېنىقلانغان پاكىتلاردىن قارىغاندا جاۋاپكار ئىxx نىڭ قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 2015- يىللىق 6- نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسىدە بىكىتىلگەن پاكىتلار ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق ، دىلو خاراكىتىرىنى بىكىتىشى ۋە قانۇن تەتبىقلىشى توغرا بولغان، ئەيىپلەشنامە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.جاۋاپكارمۇ جنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچەشتە ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى، جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىقى ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ تۈرلۈك زىيانلىرىنى تۆلەپ بىرىپ ئۇنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەنلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ مۇۋاپىق جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا، 52- ماددا، 72 -ماددا ، 67- ماددا 3- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

جاۋاپكار ئىxx نىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن ئىككى ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىپ تۆت ئاي كىچىكتۈرۈلدى، قوشۇمچە 3000 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

(جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى ھۆكۇم ئىجرا قىلىنغان كۇندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ).

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۈمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازلىق ئەرزنىڭ ئەسلى نۇسقىسى ۋە كۆچۈرمىسىدىن بەش پارچە سوتقا تاپشۇرىدۇ.

           سوتچى     ئارزىگۇل ھاجىمەمەت

                  2015- يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنى

 

پۈتۈكچى     تۇرسۇنمەمەت ھوشۇر

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1493292 位访客