添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2015) ئا ھ د 175- نۇمۇرلۇق دەۋاگەر ئەxx بىلەن جاۋاپكار مxx ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ ماجى

2015-03-13 18:48:19


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق - تەلەپ ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

         

            (2015) ئا ھ د 175- نومۇرلۇق

دەۋاگەر ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، دىھقان (قوشۇمچە تىجارەتچى)

جاۋاپكار م xx، ئايال، ئۇيغۇر، دىھقان

مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئەxx بىلەن جاۋاپكار م xx ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ ماجىراسى دىلوسىنى 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇن بويىچە ئاددي تەرتىپ قوللىنىپ 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى يىپىق رەسمى سوت قىلدى، دەۋالاشقۇچىلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر مەھكىمىمزگە:«مەن جاۋاپكار بىلەن x201- يىلى xx- ئاينىڭ xx- كۈنى چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن قانۇنلۇق نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئېلىپ توي قىلغان، توي قىلىپ بىز بىر مەزگىل ياخشى ئۆتتۇق، بىز توي قىلىپ ئۈچ ئايدىن كىيىنلا ئايالىم يۇقىلاڭ ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتتى، بىز يىڭى تۇرمۇشقا كۆنەلمىگەن ئوخشايدۇ دەپ نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇپ ئەكەلدۇق، ئۇنىڭدىن كىيىن ئايالىم ھامىلدار بولدى. بۇ مەزگىلدىمۇ ئۇنىڭ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ۋە مەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولماي ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ قالدى، كىيىن ئۇنى ئەكىلىشكە ھاممامنى ئەۋەتسەك كەلگىنى ئۇنىماپتۇ، ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ بىر قانچە قېتىم ھاممامنى ئەۋەتسەك كەلگىلى ئۇنىماپتۇ، x201- يىلى xx- ئاينىڭ xx- كۈنى ئايالىم يەڭگىدى، شۇ جەرياندا بىز ئۆرۈپ- ئادەت بويىچە يارىشقىنى قىلدۇق، ھەم يوقلاپ تۇردۇق، كىيىن مەن بىر بالىمىز بولغاندىكىن ئۆي تۇتايلى دىسەم ئايالىم ھەر خىل باھانىلەرنى قىلىپ كېتىشكە ئۇنىمىدى، مەن ئامالسىز تىجارەت ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەتتىم، چوڭلار ئارلاشقان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا كەلگىلى ئۇنىمىدى، ئارلىقتا بالىنىمۇ يوقلاپ تۇردۇم ، كىيىن بىزنىڭ بۇ ئۆينى داۋاملىق تۇتۇشقا كۆزۈم يەتمەي مەھكىمەڭلارغا نىكاھدىن ئاجىرىشىش توغرىسىدا ئەرز قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، شۇڭا سوت مەھكىمىسىنىڭ مىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىمىزنى ئاجىراشتۇرۇپ، پەرزەنتىم پ  xxنى مىنىڭ بىقىپ تەربىيلىشىمگە بۇيرۇپ بەرسەڭلار » دىگەن مەزمۇندا دەۋا قىلدى.

جاۋاپكار سوتتا: «مەن دەۋاگەرنىڭ نىكادىن ئاجىرىشىش تەلىۋىگە قوشۇلىمەن ، پەرزەنىتىمنى مەن ئۆزەم باقىمەن ، پەرزەنىتىمنىڭ تۇرمۇش راسخوتى ئۈچۈن دەۋاگەر ھەر ئايدا 1000 يۈەندىن بەرسۇن» دىگەن مەزمۇندا جاۋاپ بەردى.

سوت قىلىپ ئېنقلىشىمىزچە: دەۋاگەر بىلەن جاۋاپكار چوڭلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن x201- يىلى xx- ئاينىڭ xx-كۈنى قانۇنلۇق نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئېلىپ تۇرمۇش قۇرۇپ، چوڭلار بىلەن بىرگە تۇرۇپ، ئۈچ ئاي ئەتىراپىدا ياخشى ئۆتكەن، ئايال تەرەپ ھامىلدار بولۇپ سېزىكچىلىك مەزگىلىدە ئەر تەرەپ ۋە ئۆيدىكى تۇققانلار بىلەن تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلار سەۋەبىدىن جىدەللىشىپ قېلىپ زىددىيەت كىلىپ چىققانلىقى سەۋەبىدىن بىر قانچە قېتىم ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كىتىپ قالغان بولسىمۇ، ئەر تەرەپ ئايال تەرەپنى ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ تويدىن ئىلگىرى بىر بىرىنى چۈشۈنىشى يىتەرلىك بولمىغانلىقى سەۋەپلىك تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى بولماي، 2013- يىلى 8- ئاينىڭ 10- كۈنلىرى ئايال ئۆزى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىتىپ ھازىرغىچە ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ كىلىۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا ئەر تەرەپ ئۆزى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىنى بىر قانچە قېتىم ئەۋەتكەن بولسىمۇ ئايال كەلگىنى ئۇنىماي، 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى پەرزەنتى پ xx نى يەڭگىگەن بۇلۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئايالنى يوقلاپ تۇرغان. كىيىن ئەر تەرەپ ئايال تەرەپكە يۆتكەپ ئېلىپ كىتىمىز دىسە ئايال تەرەپنىڭ ۋاقىتنى كەينىگە سوزغانلىقى ئۈچۈن تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا زىددىيەت تىخىمۇ چوڭقۇرلۇشۇپ، ئەرنىڭ مەھكىمىمىزگە نىكاھدىن ئاجىرىشىنى تەلەپ قىلىپ دەۋا قىلغانلىقى، ئايالنىڭ ئەرنىڭ ئائىلىسىدە ئۆزىگە تەۋە بىر پارچە گىلەم، ئىككى دانە يوتقان، تۆت دانە يىكەنداز ، ئىككى دانە تەكىر قاتارلىق مال- مۈلۈكلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكى، تەرەپلەرنىڭ ئايرىلىپ تۇرغىنىغا ئىككى يىلغا يىقىن بولغانلىقى، تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تۇرمۇش كەچۇرۇش جەريانىدا بەرپا قىلغان ئورتاق ئامانەت قويغان پۇل ، ئورتاق مۇلۇك ، ئورتاق قەرىزنىڭ يوق ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى دەلىل- ئىسپاتلاردىن :

1. تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانى ۋە ئاتۇش شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى نىكاھ تىزىملاش ئورنىنىڭ 2013- يىلى 2- ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى xx- نومۇرلۇق نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلىنىدۇ .

2. تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانى ۋ شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسى ئارقىلىق، تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرزەنتى پxx نىڭ x201- يىلى xx- ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى : سوتتا تەكشۇرۇپ ئېنىقلانغان پاكىتلاردىن قارىغاندا تەرەپلەرنىڭ تويدىن بۇرۇنقى مۇھەببەت ئاساسى ئاجىز، بىر- بىرىنى چۇشۇنىشى يىتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن تويدىن كىيىن ئەر- خۇتۇنلۇق مۇھەببىتى ياخشى بولمىغان. ھەم ئايرىلىپ تۇرغىنىغا ئۇزاق بولغانلىقى ئۈچۈن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۈچىيىپ ئۆي تۇتۇش ئىمكانىيىتى قالمىغان، سوتتا تەرەپلەر نىكاھدىن ئاجىرىشىش ۋە پەرزەنىتىنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ ئايال تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈچۈن بىرلىككە كىلەلمىدى، شۇڭا تەرەپلەرنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئاجىراشتۇرۇپ، تەرەپلەرنىڭ پەرزەنىتىنى ئەر بىقىپ تەربىيلەشكە، ئايال تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئەر مۇۋاپىق ھەق بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى»نىڭ 32- ، 36 -، 38- ، 42- ماددىلىرىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۇم قىلىندى.

1- دەۋاگەر ئەxx بىلەن جاۋاپكار م xxنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى ئاجىراشتۇرۇلدى.

2- تەرەپلەرنىڭ پەرزەنتى پ xx نى بۇندىن كىيىن دەۋاگەر ئەxx پەرزەنتى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغىچە ئۆز راسخوتى بىلەن بىقىپ تەربىيلەيدۇ.

( م xx نىڭ پەرزەنتىنى كۆرۇپ يوقلاپ تۇرۇشى چەكلەنمەيدۇ ).

3- دەۋاگەر ئەxx جاۋاپكار م xxنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان بىرپارچە گىلەم، ئىككى دانە يوتقان، تۆت دانە يىكەنداز، ئىككى دانە تەكىر قاتارلىق مال- مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ.

4- دەۋاگەر ئەxx جاۋاپكار م xxنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە پەرزەنتىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىقىش ھەققى ئۈچۈن جەمئى 10000 يۈەن بىرىدۇ .

  دەۋا ھەققى 50 يۈەن، پوچتىدىن يەتكۈزۈش ھەققى 60 يۈەن جەمئى 110 يۈەنگە دەۋاگەر ئەxx مەسئۇل بولىدۇ .

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىگە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ، يازما نارازىلىق بەرگەندە ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆچۈرمىسىدىن بەش نۇسخا ھەمدە دەۋا ھەققىنى قوشۇپ تاپشۇرۇشى كىرەك.

سوتچى      ئارزىگۇل ھاجى مۇھەممەت

2015- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى

پۈتۈكچى      تۇرسۇنمەمەت ھوشۇر

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1493291 位访客