添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2014) ئا ج د 235- نومۇرلۇق جاۋاپكار ئا xx زەھەر چىقىدىغان ئۆسۈملۈكنى قانۇنسىز تىر/b>

2015-04-14 12:55:38


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

( 2014 ) ئا ج د 235- نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان: ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋاپكار: ئا xx، ئەر، ئۇيغۇر، دىھقان، جاۋاپكار بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان. جاۋاپكار دۆلەت خەۋىپسىزلىكىگە خەۋىپ يەتكۈزۈش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2014- يىلى7- ئاينىڭ11- كۇنى ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ، 2014- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن زەھەر چىقىدىغان ئۆسۈملۈكنى قانۇنسىز تىرىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر ئاتۇش شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا .

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ج ئە (2014) 146- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ئا xxنى زەھەرلىك بويۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈك ( كەندىر ) نى قانۇنسىز تېرىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 24- كۇنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن، مەھكىمىمىز بۇ دىلونى 2014- يىلى11- ئاينىڭ 27-كۇنى قۇبۇل قىلىپ، قانۇن بويىچە ئادەدتىكى تەرتىپنى تەتبىقلاپ 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۇنى ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگۇلىگەن تەپتىش ر xx ، ش xx لەر سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋاپكار ئا xx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دىلۇ سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

  ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ج ئە (2014) 146- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسىدە: جاۋابكار ئا xx 2014- يىلى4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاتۇش شەھەر xx يىزا xx كەنىت xx يولى xx- نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ ھويلىسى ۋە بېغىغا 28000 تۈپ كەندىر تېرغان، جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىدىن زەھەرلىك بويۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈكنى قانۇنسىز تېرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئشلار قانۇنى» نىڭ 351- ماددىسى، 67-ماددا 3- تارمىغىدىكى بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ شىكايەت قىلغان.

جاۋاپكار سوتتا: مەن كەندىرنى يامان نىيەت بىلەن تېرغان ئەمەس، دورا ياساش ئۈچۈن تېرغان ئىدىم ھازىر مىنىڭ روھى ھالىتىم، سالامەتلىگىم نۇرمال ئەمەس، سوت مەھكىمىسىنىڭ شۇ تەرەپلەرنى ئويلىشىپ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۇزىنى ئاقلىدى.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ئا xx 2014- يىلى4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاتۇش شەھەر xx يىزا xx كەنىت xx يولى xx- نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ ھويلىسى ۋە بېغىغا 28000 تۈپ كەندىر تېرغان، 2014 - يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بايقىلىپ ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن 28000 تۈپ كەندىر ئۆسۈملىكى كىسىۋىتىلگەن.

قىزىلسۇ ئوبلاسلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئورنىنىڭ {2014} 456- نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە جاۋاپكار تېرىغان 28000 تۇپ ئۇسۇملىك تەركىبىدە زەھەرلىك بۇيۇم تېتېگىرات نىشە باردەپ بىكىتكەن.

  جاۋاپكار تۇتۇلغاندىن كىيىن ئۇ تۇرۇشلۇق xx يىزا xx كەنىت ئاھالىلەر كومتىتى جاۋاپكارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا ‹ جاۋاپكار نىرۋا كىسىلى سەۋەپلىك 2012- يىلى xx يىزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنى ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن xx نىرۋا كىسەللىكلەرنى داۋالاش ئورنىدا داۋالىتىپ كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا ياخشى ئەمەس › دەپ ئىسپات چىقىرىپ بەرگەن بولۇپ ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئا xxنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى باھالاشقا ھاۋالە قىلىش بىلەن شىنجاڭ جىڭ ۋىي قانۇن دوختۇرى روھى كىسەللىكلەرنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنى 2014- يىلى 0520- نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە جاۋاپكارنىڭ روھى ھالىتىنىڭ يىتىلىشىگە كەندىر زىيان قىلغان، تولۇق جىنايى جاۋاپكارلىق ئىختىدارىغا ئىگە دەپ بىكىتكەنلىگى ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى دەلىل- ئسپاتلار:                    

1- ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەمىنلىگەن جاۋاپكارنىڭ سالايىتىگە دائىر ئىسپاتى ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ جاۋاپكارلىق يېشىغا يەتكەنلىكى، نەخ ئۆزى ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

2- جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، جاۋاپكار كەندىر ئۇسۇملىگى تېرىغان نەخ مەيدان سۇرەتلىرى جاۋاپكار بىلەن يۇزلەشتۇرۇلۇپ جاۋاپكارنىڭ ھويلىسى ۋە بېغىغا 28000 تۇپ كەندىر ئۇسۇملىگى تېرىغانلىغى ئسپاتلىنىدۇ.

3- قىزىلسۇ ئوبلاسلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئورنىنىڭ {2014} 456- نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار تېرىغان 28000 تۇپ ئۇسۇملىك تەركىبىدە زەھەرلىك بۇيۇم تېتېگىرات نىشە بارلىغى ئىسپاتلىدۇ.

4- شىنجاڭ جىڭ ۋىي قانۇن دوختۇرى روھى كىسەللىكلەرنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنى 2014- يىلى 0520- نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ روھى ھالىتىنىڭ يىتىلىشىگە كەندىر زىيان قىلغانلىغى ۋە ئۇنىڭ تولۇق جىنايى جاۋاپكارلىق ئىختىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىنىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ- سوتتا تەكشۇرۇپ ئېنىقلانغان پاكىتلاردىن قارغاندا جاۋاپكار ئا xxنىڭ قىلمىشىدىن زەھەرلىك بويۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈك (كەندىر) ئۆسۈملۈكنى قانۇنسىز تېرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل ئسپاتى تۇلۇق بۇلۇپ ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دىلۇنىڭ خاراكتىرى، پاكىتلىرىنى بىكىتىشى، قانۇننى تەدبىقىلىشى توغرا بولغان، جاۋاپكارمۇ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، بىكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋاپكارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى تۇغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش يەكۇنىدە جاۋاپكارنى تۇلۇق جىنايى جاۋاپكارلىق ئىختىدارىغا ئىگە دەپ بېكىتىلگەن، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچەشتە- جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ تۆۋە قىلغانلىغى، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى، ھەمدە جاۋاپكارنىڭ مىنىڭ نېرۋام ئاجىز، سالامەتلىگىم، روھى ھالىتىم نورمال ئەمەس ماڭا كەڭچىلىك قىلىنسا دىگەن پىكىرلىرىنى ئويلۇشۇپ مۇۋاپىق جازا بىرىشكە تىگشىلىك دەپ قاراپ جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 351-، 67- ماددا 3- تارمىقى، 52- ماددىللىرىدىكى بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلدى.

جاۋاپكار ئا xxگە زەھەرلىك بويۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈك (كەندىر)نى قانۇنسىز تېرىش جىنايىتى ئۆتكۇزگەنلىكى ئۇچۇن مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى، قوشۇمچە 5000 يۇەن جەرىمانە قويۇلدى.

جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۇنىدىن 2017- يىلى 7-ئاينىڭ 10- كۇنىگىچە ھىساپلىنىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا ھۆكۈمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز ۋە ئۇنىڭ كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسخا تاپشۇرسا بولىدۇ.

         باش سوتچى:    ئابدۇخېلىل ئابدۇرھىم

           سوتچى:     زەينۇر مىجىت

          خەلق زاستاتىلى : يۈسۈۋاجى مۆمىن

    2014 – يىلى12- ئاينىڭ  11- كۈنى

   پۈتكۈچى:    مەنزىرە ئەكبەر

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1497513 位访客