添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2014) ئا ج د 238- نومۇرلۇق جاۋاپكار تxx نىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى 1- سوت /b>

2015-04-14 12:57:17


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

( 2014 ) ئا ج د 238- نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان: ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋاپكار: تxx، ئەر، ئۇيغۇر، دىھقان .

جاۋابكارخەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن 2014- يىلى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇلۇپ 2014 – يىلى 5– ئاينىڭ 19– كۈنى ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن،

جاۋابكار خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن 2014- يىلى12- ئاينىڭ 1- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن دىلوسى بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلسىدە كىپىلدە.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ج ئە (2014) 150- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار تxx نى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۇنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن، مەھكىمىمىز بۇ دىلونى 2014- يىلى12- ئاينىڭ 1-كۇنى قۇبۇل قىلىپ، قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى تەتبىقلاپ 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۇنى ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگۇلىگەن تەپتىش رxx، ئەxx لار سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋاپكار تايىرجان تاجى سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دىلۇ سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ج ئە (2014) 150- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسىدە: جاۋابكار تxx 2014- يىلى 5- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 00:40 لار بىلەن ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新P xxxx – نۇمۇرلۇق ئككى چاقىلىق مۇتۇسىكىلىتنىڭ ئارقىسىغا ر xx نى ئولتۇرغۇزۇپ ئاتۇش شەھەر ئاغۇ يېزا يۇل ئارقىلىق جەنۇپتىنتىن- شىمالغا قاراپ يول يۇرۇپ ، ئاغۇ يېزا ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قايرىلىۋېتىپ مۇتۇسىكىلىتنى كونتۇرول قىلالماي يىقىلغان، نەتىجىدە مۇتۇسىكىلىت بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان، جاۋابكار تxx نىڭ قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا جاۋاپكارغا << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى >> نىڭ 133- ماددا ، 67- ماددا 3- تارمىقىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ شىكايەت قىلدى.

جاۋاپكار سوتتا: << مەن خاتالىغىمنى تۇنۇدۇم، بۇندىن كىيىن ھاراق ئىچىپ قاتناش قۇرالى ھەيدىمەيمەن، قىلمىشىمغا پۇشايمان قىلدىم، شۇڭا قانۇننىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى سورايمەن >> دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋاپكار تxx 2014- يىلى 5- ئاينىڭ 3- كۈنى بېيجىڭ ۋاختى سائەت 00:40 لار بىلەن ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ئۇزىنىڭ

新Pxxxx– نۇمۇرلۇق ئككى چاقىلىق مۇتۇسىكىلىتنىڭ ئارقىسىغا رxx نى ئولتۇرغۇزۇپ ، ئاتۇش شەھەر ئاغۇ يېزا يۇل ئارقىلىق جەنۇپتىن- شىمالغا قاراپ يول يۇرۇپ ، ئاغۇ يېزا ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئوڭغا قايرىلىۋېتىپ مۇتۇسىكىلىتنى كونتۇرول قىلالماي يىقىلغان، نەتىجىدە مۇتۇسىكىلىت بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان، ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەترىتى [2014] 91- نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئىتراپنامىسىدە جاۋابكار تxx بۇ قىتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە تۇلۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار پەن- تىخنىكىسى بويىچە [2014] 198- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىتىل ئالكوھول مىقدارىنى باھالاش نەتىجىسىدە تxx نىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قېنىدا 120.50 مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ بىكىتكەنلىكى ئىنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىتىكى دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1- ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەمىنلىگەن جاۋاپكارنىڭ سالاھيىتىگە دائىر ئىسپاتى ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ جاۋاپكارلىق يېشىغا يەتكەنلىكى ۋە نەق ئۆزى ئىكەنلىكى ئىسپاتىلىنىدۇ.

2 - قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى باھالاش ئورنىنىڭ [2014] 198 - نۇمۇرلۇق قاندىكى ئېتىل ئالكوھول مىقدارىنى تەكشۇرۇش ئۆلچەش پىكىرنامىسىدا، جاۋاپكارنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قاندا 120.50 مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بارلىقى جاۋابكارنىڭ مەس ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئىسپاتلايدۇ. .

3- ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ [2014] 91- نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسە ئىتىراپنامىسىدە جاۋاپكار ت xx نىڭ بۇ ۋەقەدە تۇلۇق مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .

4- ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى ، نەق مەيدان خەرىتىسى، نەخ مەيدان سۇرەتلىرى سوتتا جاۋاپكار بىلەن يۇزلەشتۇرۇلۇپ ئىسپاتلىق كۇچى بىكىتىلدى. بۇ ئارقىلىق ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت ، ئورۇن سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى ئىسپاتلىنىدۇ . .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: سوتتا تەكشۇرۇپ ئېنىقلانغان پاكىتلاردىن قارىغاندا جاۋاپكار ت xx نىڭ قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ دەلىل- ئىسپات پاكىتى تولۇق بولۇپ جاۋاپكارمۇ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دىلو خاراكىتىرىنى بىكىتىشى ۋە قانۇن ماددىلارنى تەتبىقلىشى توغرا بولغان، ئەيىپلەشنامە تولۇق پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. جاۋاپكارغا جازا ئولچەشتە- جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىقى، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقىى، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئىلىپ مۇۋاپىق جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ جاۋاپكارغا << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى >> نىڭ 133-، 67- ماددا 3- تارمىقىنىڭ،42-، 52-، 72- ، ماددىسىدىكى بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۇم قىلىندى.

جاۋاپكار تxx گە خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۇزگەنلىكى ئۇچۇن ئىككى ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىپ ئۇچ ئاي كىچىكتۇرۇلدى، قوشۇمچە 2000 يۇەن جەرىمانە قويۇلدى.

( جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى ھۆكۇم ئىجرا قىلىنغان كۇندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ ).

بۇ ھۆكۇمگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۇمنامە يەتكۇزۇلگەن كۇننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۇن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازلىق ئەرىزنىڭ ئەسلى نۇسقىسى ۋە كۆچۇرمىسىدىن 5 نۇسقا تاپشۇرىدۇ

سوتچى:    ئابدۇخىلىل ئابدۇرىھىم

2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ  15-كۈنى

پۈتكۈچى:    مەنزىرە ئەكبەر

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1497512 位访客