添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2015) ئا ج د 17- نومۇرلۇق جاۋاپكار سxx نىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى 1- سوت /b>

2015-04-14 13:01:10


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

 جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

(2015) ئا ج د 17- نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان: ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋاپكار سxx ، ئەر ، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، دىھقان ، بۇرۇن سوتلۇق بولغان . بۇ قېتىم خەتەرلىك شۇپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن 2014-يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ج ئە (2014) 181- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار سxxنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ، 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن، مەھكىمىمىز بۇ دىلونى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى قوبۇل قىلىپ قانۇن بويچە ئادەتتىكى تەرتىپنى تەدبىقلاپ 2015-يىلى1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى. ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگىلىگەن تەپتىش رىيانگۇل مەممەت سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋاپكار سxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ج ئە ( 2014 ) 181- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار سxx نى 2014- يىلى 6- ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 0:00دىن 10مىنۇت ئۆتكەندە ھاراق ئىچىپ موتسىكلىت ھەيدەپ بىر قېتىم قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى ، بىر ئادەمنىڭ يارىلىىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا جاۋاپكارغا << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى >> نىڭ 133- ماددا 67- ماددا 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ شىكايەت قىلدى.

جاۋاپكار سxx سوتتا « مەن ھاراق ئىچىپ موتسىكلىت ھەيدەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپتىمەن ، مەن جىنايىتىمنى تۇنۇدۇم ، پۇشايمان قىلدىم ، بۇنىڭدىن كىيىن ھاراق ئىچمەيمەن ، ياخشى ئادەم بولىمەن ، زىيانلانغۇچى بىلەن كىلىشىپ زىيانلىرىنى تۆلەپ بەرسەم قانۇننىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن » دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى .

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە : 2014- يىلى 6-ئاينىڭ 11- كۈنى بېيجىڭ ۋقتى سائەت 0:00 دىن 10مىنۇتلار ئۆتكەندە، ن xx نۇمۇر تاختىسى يوق ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى ھەيدەپ ، ئاتۇش شەھەر ئۈستۈنئاتۇش بازار تاقۇت كەنت ساي يولى ئارقىلىق غەربتىن شەرققە قاراپ يول يۈرۈپ، ساي يولى 2 كىلومىتىر +500 مىتىرلىق ئورۇنغا كەلگەندە قارىمۇ-قارشى يۆنىلىشتە يول يۈرگەن جاۋاپكار سxx ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەن 新P-0xxxx - نۇمۇرلۇق ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتسىكلىت بىلەن سوقۇشۇپ كىتىپ، نەتىجىدە ن xx، سxx ۋە 新P0xxxx نۇمۇرلۇق ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتقا ئولتۇرۇپ ماڭغان سۇ xx زەخىملىنىشتەك، سۇ xx دوختۇرخانىغا ئېلىپ بىرىلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كىتىشتەك، ئىككى تەرەپ قاتناش ۋاستىلىرى بۇزۇلۇشتەك چوڭ قاتناش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ، ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تەكشۈرۈپ [2014] 11-06-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسە ئىتىراپنامىسىدە جاۋاپكار سxx بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە تەڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، نۇxx بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە تەڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، سۇxx بۇ قىتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بىكىتكەنلىكى ، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى [2014] 260 - نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار پەن-تېخنىكىسى بويىچە قاندىكى ئېتىل ئالكوھول مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئۆلچەش نەتىجىسىدە، سxxنىڭ ھەرml100 قېنىداmg 224.49 ئىسپىرىت تەركىبى بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغانلىقى ( سوتتا زىيانلانغۇچىلاربىلەن كىلىشىپ ئۇلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەنلىكى ) ئىسپاتلاندى .

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1- جاۋاپكارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە نۇپۇس ئىسپاتى ئارقىلىق جاۋاپكار سxxنىڭ جاۋاپكارلىق يېشىغا يەتكەنلىكى ۋە نەق ئۆزى ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

2- جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ [2014]11-06- نومۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار سxxنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەسىدە تەڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.

3- قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار پەن تېخنىكىسى بويىچە (2014) 260- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئېتىل ئالكوھول مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئۆلچەش نەتىجىسىدە، سxx نىڭ ھەر ml100 قېنىدا mg 224.49 ئىسپىرت تەركىبى بارلىقى ئېنىقلانغان بۇلۇپ بۇ ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

4-قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ماددى بويۇملارنى باھالاش مەركىزىنىڭ (2014)085-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە جەسەت تەكشۈرۈش باھالاش ئانالىز پىكىرنامىسى ئارقىلىق ۋەقەلىكتە ئۆلگۈچى سۇ xx نىڭ ھايات ۋاقتىدا سىرىتقى كۈچ تەسىرىدىن باش ۋە يۈز قىسمى ، باش سۆڭىكى ئېغىر زەخمىلىنىپ ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ .

5-ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى، نەق مەيدان خەرىتىسى، نەق مەيدان سۈرەتلىرى سوتتا جاۋاپكار بىلەن يۈزلەشتۈرۈپ ،تونۇتۇلۇپ ئىسپاتلىق كۈچى بېكىتىلدى .

6-تەرەپلەر ئوتتورىسىدا تۈزۈلگەن كىلىشىمنامە ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ زىيانلانغۇچىلار بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتە كىلىشىپ ، ئۇلارنڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ .

7- مەھكىمىمىزنىڭ (2013) ئا ج د 164- نۇمۇرلۇق ھۆكۈمنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكارغا ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن تۆت ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلگەنلىكىدەك ناچار جىنايەت خاتىرسى بارلىقى ئىسپاتلىنىدۇ .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتلاردىن قارىغاندا جاۋاپكار س xxنىڭ قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئا ت ج ئە ( 2014 ) 181- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسىدا بىكىتىلگەن پاكىتلار ئېنىق، دەلىل ئىسپاتى تولۇق ، دىلو خاراكىتىرىنى بىكىتشى ۋە قانۇن تەدبىقلىشى توغرا بولغان، ئەيىپلەشنامە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. جاۋاپكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ . جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇش تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى ، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا ئۆلچەشتە ئۇنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقىنى ، جىنايىتىنى تونۇش تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، زىيانلانغۇچىلار بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتە كىلىشىپ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەنلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ نەزەرگە ئېلىپ مۇۋاپىق جازا بىرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى >> نىڭ 133- ماددا، 67- ماددا 3- تارمىقى 42-،52- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

جاۋاپكارسxxگە خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدى. قۇشۇمچە 5000 يۈەن جەرىمانە قۇيۇلدى.

( جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھىسابلىنىدۇ ).

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۈمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز ۋە كۆچۈرمىسىدىن بەش پارچە سۇنۇشقا بولىدۇ .

باش سوتچى     سادىقجان قۇربان

سوتچى       ماينۇر تۇردى

خەلق زاسىداتىلى   كىرىمجان تۆلەن

        2015 - يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى

پۈتكۈچى       زەينۇر مىجىت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1497511 位访客