添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2015) ئا ج د 28- نۇمۇرلۇق جاۋاپكار ئا xx نىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى 1- سو/b>

2015-04-14 13:26:00


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

(2015) ئا ج د 28- نۇمۇرلۇق

 ئەيىپلىگۈچى ئورگان: ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

جاۋاپكار ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان. جاۋاپكارخەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن، جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكار ئاxxنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ (2015) 13 - نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 26- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ جىنايى جازا بىرىشى ئۈچۈن ئەيىپلىدى. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بۇيىچە ئاددى تەرتىپ قوللىنىپ 2015- يىلى2- ئاينىڭ 10- كۈنى بۇ دىلونى ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى. ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگىلەپ بەرگەن تەپتىش رەيھانگۇل مەھەممەت، ئەركىن ئىسلاملار سوتتا ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋاپكار ئا xx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: «جاۋاپكار ئاxx 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 9- كۈنى ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كىيىن پىراۋىسىز ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ ئۈزى بىلەن قارشى يۈلۈنۈشتە ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن يول يۈرۈپ ئازغان يۇلى تەرەپكە بۇرۇلۇۋاتقان ئاxx بىلەن سۇقۇشۇپ كىتىپ، ئىككى تەرەپ قاتناش ۋاستىللىرى قىسمەن بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ۋەقەسى كىلىپ چىققان. جاۋاپكارنىڭ بۇ قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، شۇڭا جاۋاپكارلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسى، 67- ماددا 3- تارمىغىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جازا بىرىشكە تىگىشلىك» دەپ شىكايەت قىلدى.  

جاۋاپكار ئاxx سوتتا: « مەن ھاراق ئىچىپ موتو ھەيدەپ بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقىمغا كۆپ پۇشايمان قىلدىم، جىنايىتىمنى تۇنۇدۇم، شۇڭا سوتنىڭ ماڭا چىقىش يۇلى بىرىشىنى سۇرايمەن » دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى.

سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە: جاۋاپكار ئاxx 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت21دىن 10مىنۇت ئۆتكەندە ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كىيىن پىراۋىسىز ھالدا ئۈزىنىڭ 新P5xx نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ئۈزى يالغۇز ھەيدەپ، ئاتۇش شەھەرسۇنتاغ يۇلى ئارقىلىق شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ يول يۈرۈپ، ۋەقە يۈز بەرگەن ئۇرۇنغا كەلگەندە، قارشى يۈلۈنۈشتە يول يۈرۈپ ئازغان يۇلى تەرەپكە بۇرۇلىۋاتقان ئا xx ھەيدىگەن ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سۇقۇلۇپ كەتكەن، نەتىجىدە  ئىككى تەرەپ قاتناش ۋاستىللىرى قىسمەن بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ۋەقەسى كىلىپ چىققان.

 قىزىلسۇ ئوبلاسلىق ج خ ئىدارىسى جاۋاپكارنىڭ قېنىدىكى ئېتىل ئالكۇھول مىقتارىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش نەتىجىسىدە ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىدا 232.53 مىللىگىرام ئېتىل ئالكوھول ماددىسى بارلىغىنى تەكشۈرۈپ بىكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1 .جاۋاپكارنىڭ سالاھىتىگە دائىر ئىسپات جاۋاپكار ئا xx نىڭ جىنايى جاۋاپكارلىق يېشىغا يەتكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، ئۇنىڭ 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 9- كۈنى ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە موتو ھەيدىگەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.

  3. قىزىلسۇ ئوبلاسلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ (2014) 153- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئېتىل ئالكوھول مىقدارىنى ئۆلچەش پىكىرنامىسى ، جاۋاپكارنىڭ قېنىدىكى ئېتىل ئالكوھول مىقدارىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش نەتىجىسىدە ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىدا 232.53 مىللىگىرام ئېتىل ئالكوھول ماددىسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

 مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: يۇقارقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتلارغا ئاساسەن جاۋاپكار ئاxxنىڭ 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 9- كۈنى ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە موتو ھەيدەپ قاتناش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىغىدىن ئىبارەت پاكىتنى بىكتىشكە بۇلىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بۇ قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسىدە بىكتىلگەن پاكىتلىرىنىڭ دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق، دىلو خاراكتىرىنى بىكىتىشى توغرا، ئەيىپلەشنامە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا يۇقارقى تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ جاۋاپكارغا جازا كىچىكتۈرسە جەمىيەتكە خەۋىپ يەتكۈزۈش ئىھتىمالى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسى، 52- ماددىسى، 67- ماددا 3- تارمىغى، 72- ماددىسىنىڭ بەلگۇلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىدۇ:

جاۋاپكار ئا xx نىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، جازاسى 5 ئاي كىچىكتۈرۈلدى. قۇشۇمچە 10000 يۈەن جەرىمانە قۇيۇلدى.

جاۋاپكارنىڭ جازاسىنى سىناش مۇددىتى ھۆكۈم بىكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ.

 بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۈمنامنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بىرىشكە بولىدۇ، نارازىلىق ئەرزىنىڭ ئەسلى نۇسخسى ۋە كۆچۈرمە نۇسخىسىدىن 2 نۇسخا تاپشۇردۇ.

  

سوتچى   ماينۇر تۇردى

   2015 - يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى

پۈتۇكچى   زەينۇر مىجىت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1439733 位访客