添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2015) ئا ج د 38- نۇمۇرلۇق جاۋاپكار نۇxx نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى 1- سوت جىنايى ئىشلار /b>

2015-04-14 13:05:30


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

(2015) ئا ج د 38- نۇمۇرلۇق

  ئەيىپلىگۇچى ئورگان ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

جاۋاپكارنۇxx، ئەر، ئويغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، دىھقان، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان .

جاۋاپكار ئوغۇرلۇق جىنايتى بىلەن 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختىتىلىپ 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى قۇيۇپ بىرىلگەن 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە .

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ج ئە (2015) 21- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكارنۇxxنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ، 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دىلونى 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى قۇبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللىنىپ 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوچۇق رەسمى سوت قىلدى. ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەلگىلىگەن تەپتىش رەيھانگۇل مۇھەممەت ، نۇرشات ئەمەتلەر سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋاپكارنۇxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: <<جاۋاپكارنۇxx 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى بىر قېتىم ئوغۇرلۇق دىلوسى سادىر قىلىپ باشقىلارغا 6500 يۇەن زىيان سالغان، جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىلىنىدۇ، شۇڭا جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» 264-ماددىسى 67- ماددا 3- تارمىقىنىڭ بەلگۈلىمىىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ شىكايەت قىلدى .

جاۋاپكار: «مەن قىلمىشىمدىن قاتتىق پۇشايمان قىلدىم، مەن بىلمەي ئوغۇرلۇق قىلىپ قاپتىمەن ، بۇنىڭدىن كىيىن قەتئى ئوغۇرلۇق قىلمايمەن، بۇنىڭدىن كىيىن ياخشى ئادەم بولىمەن ، شۇڭا سوتنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ قويۇشىڭلارنى سورايمەن » دەپ ئىقرار قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلىدى .

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە : <<جاۋاپكارنۇxx 2014- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاختى سەھەر سائەت 4:00 لەردە خوشنىسى يەxxنىڭ قوتىنىدىن 6500 يۈەن قىممىتىدىكى ئىنەك كالىسىنى ئوغۇرلاپ ، دوستى ئاxxگە مەن تۈگۈرمىتىدىن ئىش ھەققىم ئۈچۈن بىر تۇياق كالا ئېلىپ كىرگەن ئىدىم، ئۇلۇغچات بازىرىدا سېتىپ پۇلنى خەجلەپ كىرمەيلىمۇ دېگەن، ئاxx قوشۇلغاندىن كىيىن جاۋاپكار نۇxx ، ئۆxxنىڭ ماشىنىسىنى كىرا قىلىپ ، دوستى ئا xx لار ئۇلۇغچات ناھىيىسىگە ماڭغان ھەمدە ناھىيەگە كىرىش ئېغىزىغا كەلگەندە ، جاۋاپكارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ساقچىلار تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتكۈزمىگەن ، جاۋاپكار نۇxx دوستى ئاxx گە سەن كالىنى سېتىپ كەل مەن ساقلاپ تۇراي دەپ تەكشۈرۈش پونكىتىدا قېلىپ قالغان، ئۇلار كالىنى ئۇلۇغچاتتا سېتىۋاتقاندا ئىگىسى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان ، بىر تۇياق كالا ئەسلىگە كىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغانلىقى ئېنىقلاندى .

يۇقارقى پاكىتلار تۆۋەندىكى دەلىل – ئىسپاتلارغا ئاساسەن بىكىتىلدى:

1. ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دائىمى نوپۇسلار تىزىملى جاۋاپكار نۇ xxنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىق يېشىغا توشقانلىقى ۋە نەق ئۆزى ئىكەنلىكنى ئىسپاتلايدۇ.

2 -جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى بىلەن بىردەك بۇلۇپ زىيانلانغۇچىنىڭ بىر دانە ئىنەك كالىسىنى جاۋاپكارنىڭ ئوغۇرلىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ .

3- ئاتۇش شەھەرلىك باھا نازارەتچىلىك ئىدارىسى باھا دەلىلەش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسدا جاۋاپكار ئوغۇرلىغان بىر دانە ئىنەك كالىنى 6500 يۈەنگە باھالىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى-: سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتلارغا ئاساسەن جاۋاپكار نۇxxنىڭ باشقىلارنىڭ 6500 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئىنەك كالىسىنى ئوغۇرلىغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئاتۇش شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسىدە بىكىتىلگەن پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل ئىسپاتى تولۇق، دىلو خاراكتىرىنى بىكىتىشى ۋە قانۇننى تەدبىقلىشى توغرا، ئەيىپلەشنامە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇش، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى ھەم جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا ئۆلچەشتە جاۋاپكارنىڭ تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى ، جىنايىتىنى تونۇش تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ، زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنىڭ تولۇق ئەسلىگە كەلگەنلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ ،جاۋاپكارغا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264-ماددا، 52- ماددا ، 67 -ماددا 3- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى :

 جاۋاپكار نۇxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايتى ئۈچۈن 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدى، قوشۇمچە 2000 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى .

(جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى2015-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە بۇلىدۇ. ) ( ئالدىن قامالغان 4 كۈن قوشۇپ ھىسابلاندى)

مەزكۇر ھۆكۈمنامىگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز ۋە ئۇنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن 5 نۇسخا قۇشۇپ سۇنۇشقا بۇلىدۇ.

سوتچى    ئارزىگۇل ھاجى مۇھەممەت

2015- يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى

پۈتكۈچى  زەينۇرمىجىت

 

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1439731 位访客