添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2015) ئا ھ د 81- نۇمۇرلۇق دەۋاگەر يxx بىلەن جاۋاپكار نxx ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ ماجرا د

2015-04-21 13:27:49


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەقتەلەپ ھۆكۈمنامىسى

2015-يىللىق ئا ھ د 81-نۇمۇرلۇق

دەۋاگەر ي xx، ئەر، 1985-يىلى تۇغۇلغان ئۇيغۇر، دېھقان.

جاۋابكار ن xx، ئايال، 1986- يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، ئوقۇتقۇچى.

جاۋاپكارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى: ئەمەتجان تۇرسۇن،شىنجاڭ ئاققۇ ئادۋۇكاتلار ئىش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى،دەۋادىكى ھوقۇق دائىرىسى: ئادەتتىكى ھوقۇقلۇق.

سوت مەھكىمىمىز يۇقارقى دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ ماجرا دىلوسىنى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۇنى قوبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللىنىپ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۇنى ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى، دەۋالاشقۇچىلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا تولۇق قاتناشتى، بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاياغلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر سوت مەھكىمىمىزگە«مەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرشى ئارقىلىق 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ن xx بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ 26كۈن ياخشى ئۆتەلىدۇق، كىيىن بىر كىچىدىنلا سەندىن ئاجرىشىمەن، تويلۇق پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بىرىپ خىتىڭنى بىرىمەن دەپ جىدەل قىلدى. مەن بىر دېھقان بالىسى توي قىلىش ئۈچۈن كۆپ چىقىم تارىتتىم، جاۋاپكار بىلەن بۇنىڭدىن كىيىن ئۆي بولۇش ئىمكانىيىتى يوق، نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇپ قويساڭلار، تويلۇق چىقىمنى قايتۇرۇپ بەرسە»دەپ ئەرىز قىلغان.

جاۋاپكار سوت مەھكىمىمىزگە«مەن يولدىشىمنىڭ تۇققانلىرىنىڭ تەلۋى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ياخشى ئۆتكەن بولساقمۇ يولدىشىم نەچچە كۈن بۇرۇنقى جىدەلنى باھانە قىلىپ مەن بىلەن ئۇرۇشتى، چوڭلارمۇ مەن بىلەن ئۇرۇشۇپ تويلۇق ئالتۇننى تارتىۋىلىپ، ئوغلۇمنى بۇ ئالتۇنى سىتىپ ئۆيلەيمەن دەپ مىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى، مەن كۆپ روھىيى زەربىگە ئۇچرىدىم، نىكاھدىن ئاجرىشىمەن دىسە، دەۋاگەر ماڭا100مىڭ يۈەن روھى زىيان تۆلىمى بەرسۇن» دەپ جاۋاپ بەردى.

سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە: تەرەپلەر چوڭلارنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى توي خىتى ئېلىپ 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇرمۇش قۇرۇپ 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ياخشى ئۆتكەن بولسىمۇ،كىيىن تەرەپلەر چوڭلارنىڭ ئارلىشى بىلەن ياخشى بولالماي ئۇرۇشۇپ قىلىپ، ئايال ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن، ئايالنىڭ تويلۇق مۈلۈكلىرىدىن: بىر پارچە زاۋۇت گىلىمى، بىر تىلىۋۇزۇر، بىر توڭلاتقۇ، بىر گاز ئوچاق، بىر كىيىم ئىشكاۋى، تۆت يىكەنداز، بىر يۈرۈش ساندۇق، بىر يوتقان، بىر كۆرپە، تۆت ياستۇق، ئىككى تەكرە، بىر كارىۋات يوتقىنى، بىر يۇڭ ئەدىيال، بىر موتسىكىلىت(ئەر توي خىتى ئالغىغىنى چىققاندا ئۆزى پۇل چىقىرىپ ئالغان)، ئىككى چامدان( ئىچىدە گىرىم بۇيۇملىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى بار)، بىر توك قازان، كىيىم-كىچەكلەر، ئالتۇن بۇيۇملىرىدىن: بىر ئالتۇن بىلەيزۈك (26.08گىرام)، بىر ئالتۇن زەنجىر (25.05گىرام)، ئىككى تال ئالتۇن ئۈزۈك(22.62گىرام)، بىر جۈپ ھالقا (13.34گىرام)قاتارلىق ئالتۇن بۇيۇملىرى ئەرنىڭ ئائىلسىدە قالغان. دەۋاگەر توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆرۈپ-ئادەت قائىدىسى بويىچە نان يىدۈرۈك پائالىيىتىنى قىلمايلا ئايال تەرەپكە 40مىڭ يۈەن تويلۇق پۇل بەرگەن، ئايال تەرەپ ئەر تەرەپكە ئۆرۈپ-ئادەت قائىدىسى بويىچە بىر مىڭ يۈەن قايتۇرغانلىقى ئىنىقلاندى.

سوتتا جاۋاپكار بىز تۇرمۇش قۇرۇپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن قۇرسۇقىمدا قىلىپ قۇرسۇقىمدىكى ھامىلە چۈشۈپ كەتتى، ئىككى تال ئالتۇن ئۈزۇك، بىر يۈرۈش كۈمۇش بۇيۇملىرىم ئەرنىڭ ئائىلسىدە قالدى دىگەن بولسىمۇ سوتنى ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمىدى.

يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلادىن: تەرەپلەرنىڭ توي خىتى؛ كەنت ئاھالە كومتىتىنىڭ ئىسپاتى، بەختىيار زەگەرچىلىك دۇككىنى قەشقەر تارماق دۇككىنىنىڭ ئالتۇنلارنىڭ تىزىملىك ئىسپاتى،ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سوتتىكى بايانلىرى ئىسپات بولىدۇ.

سوت مەھكىمىمىز يۇقاردىكى سوتتا تەكشۈرۈلگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن مۇنداق قارىدى: تەرەپلەر چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرشى ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئىختىيارلىشىپ تۇرمۇش قۇرغان بولسىمۇ، بۇلار ئۈچ ئەۋلات دائىرسىدىكى شىرەم قانداش تۇققانلار بولۇپ«جۇڭخۇا خەلق جەمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى»دىكى نىكاھلىنىش شەرتىگە توشمايدۇ، بۇلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى قانۇنى كۈچنى ھازىرلىمىغان بولۇپ، باشتىلا كۈچكە ئىگە ئەمەس، ئۇلار قانۇنلۇق ئەر-ئايال بولمىغان ئىكەن قانۇنلۇق ئەر-ئايالدا بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتكە ئىگە بولمايدۇ. بۇلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئىناۋەتسىز قىلىشقا تىگىشلىك، ئوتتۇرلىقتىكى ئايالنىڭ ئۆزىگە تەۋە تويلۇق مۈلۈكلىرى ۋە تويلۇق ئۈچۈن دەۋاگەرنىڭ ئۆرۈپ ئادەت بويىچە ئايال تەرەپكە بەرگەن پۇل جەھەتتە ئايرىم مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا تىگشىلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى» نىڭ7-10-12- ماددىسىنىڭ«ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى»نى تەدبىقلاشقا دائىر بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى(1)نىڭ9- بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

دەۋاگەر يxx بىلەن جاۋاپكار نxxنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بىكار قىلىندى؛

سوتچى:   ئابلىمىت تۇردى

         2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى

پۈتكۈچى:    ئىلغار كىرىم

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

2015-يىللىق ئا ھ د 81-نۇمۇرلۇق

دەۋاگەر ي xx، ئەر، 1985-يىلى تۇغۇلغان ئۇيغۇر، دېھقان.

جاۋابكار ن xx، ئايال، 1986- يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، ئوقۇتقۇچى.

جاۋاپكارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى: ئەمەتجان تۇرسۇن،شىنجاڭ ئاققۇ ئادۋۇكاتلار ئىش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى،دەۋادىكى ھوقۇقى دائىرىسى: ئادەتتىكى ھوقۇقلۇق.

سوت مەھكىمىمىز يۇقارقى دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ ماجرا دىلوسىنى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۇنى قوبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللىنىپ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۇنى ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى، دەۋالاشقۇچىلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا تولۇق قاتناشتى،بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاياغلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر سوت مەھكىمىمىزگە«مەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن 2014-يىلى 10 ئاينىڭ 4-كۇنى ن xx بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ 26كۈن ياخشى ئۆتەلىدۇق، كىيىن بىر كىچىدىلا سەندىن ئاجرىشىمەن، تويلۇق پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بىرىپ خىتىڭنى بىرىمەن دەپ جىدەل قىلدى. مەن بىر دىھقان بالىسى توي قىلىش ئۈچۈن كۆپ چىقىم تارىتتىم، جاۋاپكار بىلەن بۇنىڭدىن كىيىن ئۆي بولۇش ئىمكانىيىتى يوق، نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇپ قويساڭلار،تويلۇق چىقىمنى قايتۇرۇپ بەرسە»دەپ ئەرىز قىلغان.

جاۋاپكار سوت مەھكىمىمىزگە«مەن يولدىشىمنىڭ تۇققانلىرىنىڭ تەلىۋى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ياخشى ئۆتكەن بولساقمۇ يولدىشىم نەچچە كۈن بۇرۇنقى جىدەلنى باھانە قىلىپ مەن بىلەن ئۇرۇشتى، چوڭلارمۇ مەن بىلەن ئۇرۇشۇپ تويلۇق ئالتۇننى تارتىۋىلىپ ئوغلۇمنى بۇ ئالتۇنى سىتىپ ئۆيلەيمەن دەپ مىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى، مەن كۆپ روھىي زەربىگە ئۇچرىدىم، نىكاھدىن ئاجرىشىمەن دىسە دەۋاگەر ماڭا 100 مىڭ يۈەن روھى زىيان تۆلىمى بەرسۇن» دەپ جاۋاپ بەردى.

سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە: تەرەپلەر چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرشى ئارقىلىق 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى توي خىتى ئېلىپ 2014- يىلى 10- ئاينىڭ 4- كۈنى تۇرمۇش قۇرۇپ 2014-يىلى 11- ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ياخىشى ئۆتكەن بولسىمۇ، كىيىن تەرەپلەر چوڭلارنىڭ ئارلىشى بىلەن ياخشى بولالماي ئۇرۇشۇپ قىلىپ ئايال ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن، ئايالنىڭ تويلۇق مۈلۈكلىرىدىن: بىر پارچە زاۋۇت گىلىمى، بىر تىلىۋۇزۇر، بىر توڭلاتقۇ، بىر گاز ئوچاق، بىر كىيىم ئىشكاۋى، تۆت يىكەنداز، بىر يۈرۈش ساندۇق، بىر يوتقان، بىر كۆرپە، تۆت ياستۇق، ئىككى تەكرە، بىر كارىۋات يوتقىنى، بىر يۇڭ ئەدىيال، بىر مۇتۇسىكىلىت(ئەر توي خىتى ئالغىغىنى چىققاندا ئۆزى پۇل چىقىرىپ ئالغان)،ئىككى چامدان( ئىچىدە گىرىم تۇرمۇش بۇيۇملىرى بار)، بىر توك قازان، بىر يۈرۈش كىيىم - كىچەكلەر، ئالتۇن بۇيۇملىرىدىن:بىر ئالتۇن بىلەيزۇك (26.08گىرام)، بىر ئالتۇن زەنجىر (25.05گىرام)، ئىككى تال ئالتۇن ئۇزۇك(22.62گىرام)،بىر جۈپ ھالقا (13.34گىرام)قاتارلىق ئالتۇن بۇيۇملىرى ئەرنىڭ ئائىلسىدە قالغان. دەۋاگەر توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆرۈپ ئادەت قائىدىسى بويىچە نان يىدۈرۈك پائالىيىتىنى قىلمايلا ئايال تەرەپكە 40مىڭ يۈەن تويلۇق پۇل بەرگەن، ئايال تەرەپ ئەر تەرەپكە ئۆرۈپ- ئادەت قائىدىسى بويىچە بىر مىڭ يۈەن قايتۇرغانلىقى ئىنىقلاندى.

سوتتا جاۋاپكار بىز تۇرمۇش قۇرۇپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن قورسۇقىمدا قىلىپ قورسۇقىمدىكى ھامىلە چۈشۈپ كەتتى، ئىككى تال ئالتۇن ئۈزۈك، بىر يۇرۇش كۈمۈش بۇيۇملىرىم ئەرنىڭ ئائىلسىدە قالدى دىگەن بولسىمۇ سوتنى ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمىدى.

سوتتا تەرەپلەر تويلۇق مۈلۈك جەھەتتە كىلشىم خىزمىتى ئىشلىگەن بولساقمۇ تەرەپلەر ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ مۇرەسسەدىن ئۈنۈم بولمىدى.

يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلادىن: تەرەپلەرنىڭ توي خىتى؛ كەنت ئائىلە كومتىتىنىڭ ئىسپاتى، بەختىيار زەگەرچىلىك دۇككىنى قەشقەرتارماق دۇككىنىنىڭ ئالتۇنلارنىڭ تىزىملىك ئىسپاتى ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سوتتىكى بايانلىرى ئىسپات بولىدۇ.

سوت مەھكىمىمىز يۇقاردىكى سوتتا تەكشۈرۈلگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن مۇنداق قارىدى:تەرەپلەر چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ئۆز-ئارا ئىختىيارلىشىپ تۇرمۇش قۇرغان بولسىمۇ بۇلار ئۈچ ئەۋلات دائىرسىدىكى شىرەم قانداش تۇققانلار بولۇپ«جۇڭخۇا خەلق جەمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى»دىكى نىكاھلىنىش شەرتىگە توشمايدۇ، بۇلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى قانۇنى كۈچنى ھازىرلىمىغان بولۇپ باشتىلا كۈچكە ئىگە ئەمەس، ئۇلار قانۇنلۇق ئەر-ئايال بولمىغان ئىكەن قانۇنلۇق ئەر-ئايالدا بولىدىغان ھۇقۇق-مەجبۇرىيەتكە ئىگە بولمايدۇ. بۇلارنىڭ نىكاھسىنى ئىناۋەتسىز قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ نىكاھ مۇناسىۋىتى بىكار قىلىندى، ئىككى تال ئالتۇن ئۈزۈك،بىر يۈرۈش كۈمۈش بۇيۇملىرىم ئەرنىڭ ئائىلسىدە قالدى دىگەن بولسىمۇ سوتنى ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمىدى بىكىتىشكە بولمايدۇ، دەۋاگەرنىڭ تويلۇق ئۈچۈن بەرگەن پۇلنى تولۇق قايتۇرسۇن دىگەن پىكرىنى تولۇق قوللاشقا بولمايدۇ، جاۋاپكارنىڭ مەن بۇ توينى قىلىپ روھىي زىيانغا ئۇچرىدىم دەۋاگەر ماڭا 100مىڭ يۈەن روھىي زىيان تۆلىمى بەرسۇن دىگەن پىكرىنى قوللاشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ باشتىنلا ئىناۋەتسىز نىكاھ مۇناسىۋىتى، دەۋاگەر ئۆرۈپ-ئادەت بويىچە بەرگەن پۇلدىن جاۋاپكار مۇۋاپىق قايتۇرشقا تىگىشلىك، دەۋاگەر جاۋاپكار تەۋە بولغان تويلۇق مۈلۈكلىرىنى تولۇق قايتۇرۇپ بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى» نىڭ 18- ماددىسىنىڭ«ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى»نى تەدبىقلاشقا دائىر بەزى مەسىللەر توغتىسىدىكى ئىزھاتى(2)نىڭ4-10- ماددىسىنىڭ بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

1- دەۋاگەر ي xx جاۋاپكار نxxگە تەۋە بولغان تويلۇق مۈلۈكلەردىن: بىر پارچە زاۋۇت گىلىمى، بىر تىلىۋۇزۇر، بىر توڭلاتقۇ،بىر گاز ئوچاق، بىر كىيىم ئىشكاۋى، تۆت يىكەنداز، بىر يۈرۈش ساندۇق، بىر يوتقان، بىر كۆرپە، تۆت ياستۇق، ئىككى تەكرە، بىر كارىۋات يوتقىنى، بىر يۇڭ ئەدىيال،ئىككى چامدان( ئىچىدە گىرىم تۇرمۇش بۇيۇملىرى)، بىر توك قازان، يۈرۈش كىيىم- كىچەكلەر، ئالتۇن بۇيۇملىرىدىن: بىر ئالتۇن بىلەيزۇك (26.08گىرام)، بىر ئالتۇن زەنجىر (25.05گىرام)، ئىككى تال ئالتۇن ئۈزۈك (22.62گىرام)،بىر جۈپ ھالقا (13.34گىرام)قاتارلىق ئالتۇن بۇيۇملىرىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن.

2- جاۋاپكار نxx تويلۇق ئۆرۈپ-ئادەت بويىچە ئالغان تويلۇق پۇلدىن 10مىڭ يۇەننى دەۋاگەر يxxغا قايتۇرسۇن.

3- خەتكە چىققاندا ئالغان بىر دانە موتۇ دەۋاگەر يxxغا قالدۇرۇلسۇن.

دەۋا ھەققى 50يۈەن، يەتكۈزۈش ھەققى 120يۈەن جەمئىى 170يۈەنگە تەرەپلەر تەڭ مەسئۇل بولسۇن.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىدىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بىرىشكە بولىدۇ، نارازىلىق ئەرىزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن ئىككى نۇسخا، كۆچۈرۈلمىسىدىن ئۈچ نۇسخا ۋە دەۋا ھەققىنى قوشۇپ تاپشۇرۇشى كىرەك.

سوتچى :  ئابلىمىت تۇردى

      2015- يىلى 2- ئاينىڭ 2- كۈنى

پۈتكۈچى:   ئىلغار كىرىم

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1439730 位访客