添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2015) ئا ھ د 82- نۇمۇرلۇق دەۋاگەر ئ xx بىلەن جاۋاپكار ت xx ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ ماجرا /b>

2015-04-21 16:13:13


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

2015-يىللىق ئا ھ د 82-نۇمۇرلۇق

دەۋاگەر ئxx، ئەر، 1991-يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دىھقان.

جاۋاپكار تxx، ئايال، 1991- يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دىھقان.

سوت مەھكىمىمىز يۇقارقى دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ ماجىرا دىلوسىنى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى قوبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللۇنىپ 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى، دەۋالاشقۇچىلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا تولۇق قاتناشتى، بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاياغلاشتى.

دەۋاگەر سوت مەھكىمىمىزگە« مەن تxx بىلەن 2014-يىلى 4-ئايدا قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرۇپ، بىر مەزگىل ياخشى ئۆتكەن بولساقمۇ، ئايالىمنىڭ ئۆيدىكىلەر ئايالىمنى ئۆيىدە ئولتۇرغۇزۋالغانلىقتىن ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىغا سۇغۇقچىلىق چۈشۈپ مۇناسىۋىتىمىز ياخشى بولمىدى، بىزدە بۇنىڭدىن كىيىن ئۆي بولۇش ئىمكانىيىتى قالمىدى، سوت مەھكىمىسى نىكاھىمىزنى ئاجراشتۇرۇپ قويساڭلار، مەن توي قىلىش ئۈچۈن60مىڭ يۇەن چىقىم تارتتىم، نىكاھنىڭ بۇزۇلشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئايالىم بۇ چىقىملارنى تۆلەپ بەرسۇن»دەپ ئەرىز قىلغان.

جاۋاپكار سوت مەھكىمىمىزگە«مەن يولدىشىم بىلەن قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرۇپ ئاز ۋاقىت ياخشى ئۆتكەن بولساقمۇ لىكىن بەزى بىر يوقىلاڭ ئىشلار تۈپەيلى نىكاھىمىز بۇزۇلدى، مىنىڭ مىجەزىم يوق دوختۇرخانىغا بىرىپ كۆرسەتسەم ئۇلار 15كۈن پەرىز تۇتۇشنى دىگەن لىكىن يولدىشىم قۇشۇلمىدى، كىيىن ئىككىمىزنىڭ ئىنىلىرى ئۇرۇشۇپ قالغاندا يولدىشىم مەن بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدى، سوت مەھكىمىسى مۇمكىن بولسا نىكاھىمىزنى ساقلاپ قالسا، ئەگەر يولدىشىم ئاجرىشىمەن دىسە، تويلۇق پۇلنى قايتۇرالمايمەن» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە: تەرەپلەر چوڭلارنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرۇپ بىر مەزگىل ياخشى ئۆتكەن بولسىمۇ كىيىن تەرەپلەر ئوتتۇرلىقتىكى ئۇششاق ئىشلار تۈپەيلىدىن كىلشەلمەي ئايال 2014- يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان، ئەر تەرەپ تۇققانلار ۋە كەنت مەسئۇللىرى قىز تەرەپنىڭ ئائىلسىگە بىر نەچچە قىتىم قايتۇرۇپ كىلىشكە بارغان بولسىمۇ ئايالنىڭ ئانىسى قىتىلمىغان، 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈستۈنئاتۇش بازارلىق ئەدىلىيە مۇرەسسە ئىشخانىسىكىلەر تەرەپلەرنى كىلىشتۇرۇپ ئايالنى ئەرگە قىتىپ قويغان بولسىمۇ ئەتىسى قىزنىڭ ئانىسى ئەدىلىيە ئىشخانىسىغا چىقىۋىلىپ قىزنى ئېچچىقىپ بىرىشنى دەپ تۇرۋالغاندا ئەر تەرەپ ئايالنى ئېچچىقىپ بەرگەن، ئايالنىڭ ئەر تەرەپ ئائىلىسدە تويلۇق مۈلۈكلەردىن: بىر پارچە زاۋۇت گىلەم(قىممىتى1300يۈەن)، بىر دانە كىيىم ئىشكاۋى (قىممىتى900يۈەن)، بىر دانە كىر ئالغۇ (قىممىتى800يۈەن) بىر دانە تىلۋىزۇر (قىممىتى500 يۈەن)، بىر دانە تىلۋىزۇر ئۈستىلى(قىممىتى350يۈەن)، بىر دانە د ۋ د (قىممىتى200يۈەن)،بىر دانە گاز ئوچاق، تۇڭى ۋە جازىسى (قىممىتى 600يۈەن) ، بىر دانە ئوران جاۋەن، ئىككى يوتقان، ئۈچ يىكەنداز، بىر كۆرپە،تۆت ياستۇق، بىر ئەدىيال، كىيىم-كىچەكلەر(كىيىم ئىشكاۋىدا، قۇلۇپ يوق)، جاناننىڭ بىر يۈرۈش قاچا-تەخسىللىرى، ئالتە جاۋۇر، بىر چايدان، ئالتە پەتنۇس، چوڭ كىچىك ئالتە چەينەك(بىر ئەينە چەينەك)، تۆت دانە خىرۇستال، بىر دانە كىچىك كاستۇرۇلكا، بىر دانە توك قازان، بىر دانە توك چاينەك،ئىككى لىگەن، ئىككى تەخسە قاتارلىق مۈلۈكلەر قالغان، ئايالنىڭ تويلۇق ئالتۇن بۇيۇملىرى، موتۇسى ئۆزىدە بولۇپ تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا باشقا ئورتاق مۈلۈك-ئورتاق قەرىزنىڭ يوقلىقى،ئەر تەرەپنىڭ قىز تەرەپكە ئۆرۇپ ئادەت قائىدىسى بويىچە 25مىڭ يۈەن تويلۇق پۇل بەرگەنلىگى ئىنىقلاندى.

سوتتا تەرەپلەر نىكاھدىن ئاجرىشىشقا بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ تويلۇق مۈلۈك جەھەتتە بىرلىككە كىلەلمەي مۇرەسسەدىن ئۈنۈم بولمىدى.

يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلاردىن: تەرەپلەرنىڭ 2014-يىلى 4- ئاينىڭ 21-كۈنى بىجىرگەن نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى، كەنت مۇرەسسە كومتىتىنىڭ تەرەپلەرنى مۇرسسە قىلالمىغانلىق توغرىسىدىكى ئىسپاتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانلىرى ئىسپات بولىدۇ.

سوت مەھكىمىمىز يۇقاردىكى سوتتا تەكشۈرۈلگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن مۇنداق قارىدى: تەرەپلەر چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ئۆز-ئارا ئىختىيارلىشىپ قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرغان بولسىمۇ، ئىلگىرى تولۇق چۈشۇنۈشمەي ئالدىراپ-تىنەپ نىكاھلانغان، نىكاھلانغاندىن كىيىن ئەر خۇتۇنىڭ بىر- بىرىگە كۆڭلى چۈشمىگەنلىكتىن ۋە چوڭلارنىڭ بۇلارنىڭ نىكاھ تۇرمىشىغا ئارلىشىۋىلىشى تۇپەلىدىن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش تەسكە چۈشكەن، بۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئۆي بولۇش ئىمكانىيىتى يوق، تەرەپلەرنىڭ نىكاھدىن ئاجرىششقا بىرلىككە كەلگەن پىكرىگە ئاساسەن نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇشقا تىگىشلىك، بۇلارنىڭ توي قىلىپ بىرگە تۇرغان ۋاختى قىسقا بۇلۇپ، جاۋاپكار ئۆرۈپ- ئادەت قائىدىسى بويىچە دەۋاگەر تەرەپتىن ئالغان تويلۇق پۇلدىن مۇۋاپىق قىممەتتە پۇل ياكى شۇ قىممەت مال-مۈلۇك قايتۇرۇشقا تىگشىلىك، دەۋاگەر جاۋاپكارغا تەۋە بولغان تويلۇق مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى»32-18-ماددىسى«ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى»نى تەدبىقلاشقا دائىر بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزھاتى(2)نىڭ10-ماددىسىنىڭ بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

1- دەۋاگەر ئxx بىلەن جاۋاپكار تxxنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى ئاجراشتۇرۇلدى؛

2- جاۋاپكار تxx دەۋاگەر تەرەپتىن ئالغان تويلۇق پۇلدىن 4100يۇەن ياكى شۇ قىممەتتە مال مۇلۇكنى دەۋاگەرگە قايتۇرىدۇ؛

3- دەۋاگەر جاۋاپكار تەۋە بولغان تويلۇق مۈلۈكلىرىدىن: بىر پارچە زاۋۇت گىلەم، بىر دانە كىيىم ئىشكاۋى، بىر دانە كىر ئالغۇ ، بىر دانە تىلۋىزۇر، بىر دانە تىلۋىزۇر ئۈستىلى، بىر دانە د ۋ د ، بىر دانە گاز ئوچاق، تۇڭى ۋە جازىسى ، بىر دانە ئوران جاۋەن، بىر دانە موتۇ(ئايالدا)، ئىككى يوتقان، ئۈچ يىكەنداز، بىر كۆرپە، تۆت ياستۇق، بىر ئەدىيال، كىيىم-كىچەكلەر(كىيىم ئىشكاۋىدا، قۇلۇپ يوق)، جاناننىڭ بىر يۈرۈش قاچا-تەخسىللىرى، ئالتە جاۋۇر، بىر چايدان، ئالتە پەتنۇس، چوڭ كىچىك ئالتە چەينەك(بىر ئەينە چەينەك)، تۆت دانە خىرۇستال، بىر دانە كىچىك كاستۇرۇلكا، بىر دانە توك قازان، بىر دانە توك چاينەك، ئىككى لىگەن، ئىككى تەخسە قاتارلىق مۈلۈكلەرنى جاۋاپكارغا قايتۇرۇپ بىرىدۇ.

دەۋا ھەققى 50 يۈەن، يەتكۈزۈش ھەققى 120 يۈەن جەمئى 170 يۈەنگە دەۋاگەر مەسئۇل بولسۇن؛

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا دەرجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بىرىشكە بولىدۇ، نارازىلىق ئەرىزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن ئىككى نۇسخا، كۆچۈرۈلمىسىدىن ئۈچ نۇسخا ۋە دەۋا ھەققىنى قوشۇپ تاپشۇرۇش كىرەك.

    

   سوتچى      ئابلىمىت تۇردى

   2015- يىلى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى

            پۈتۈكچى    مۇيەسسەر سادىق

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1439764 位访客