添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2015) ئا ھ د 83- نۇمۇرلۇق دەۋاگەر گ xx بىلەن جاۋاپكار ن xx ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ ماجرا /b>

2015-04-21 16:18:46


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەقتەلەپ ھۆكۈمنامىسى

2015-يىللىق ئا ھ د 83-نۇمۇرلۇق

دەۋاگەر گxx، ئايال، 1981-يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دېھقان.

جاۋابكار نxx، ئەر، 1968- يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دېھقان.

سوت مەھكىمىمىز يۇقارقى دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ ماجرا دىلوسىنى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۇنى قوبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللىنىپ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۇنى ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى، دەۋالاشقۇچىلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا تولۇق قاتناشتى،بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاياغلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر سوت مەھكىمىمىزگە«مەن چوڭلارنىڭ تۇنۇشتۇرشى ئارقىلىق 2003-يىلى نxx بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ قىسقا ۋاقىت ياخشى ئۆتكەن بولساقمۇ كىلشەلمەي قىزىم ئالتە ئايلىق بولغاندا نىكاھدىن ئاجراشقان، كىيىن 2007-يىلى 2-ئايدا بىز ئوتتۇرلۇقىمىزدىكى پەرزەنتنى نەزەردە تۇتۇپ قايتىدىن يارشىپ نىكاھلانغاندىن كىيىن يەنە بىر پەرزەنتلىك بولغان بولساقمۇ، ئەر-ئايال ئىككىمىز يەنىلا كىلىشەلمىدۇق، يولدىشىم مىنى خىتىڭنى ئال دەپ زورلىدى، شۇڭا سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە نىكاھ مۇناسىۋىتىمىزنى ئاجراشتۇرۇپ، ئوتتۇرلۇقىمىزدىكى پەرزەنتلەرنى مىنىڭ بىقىپ تەربىيلىشىمگە بۇيرۇپ بەرسەڭلار»دەپ دەۋا قىلغان.

جاۋاپكار سوت مەھكىمىمىزىگە: «مەن دەۋاگەر بىلەن 2003-يىلى تۇرمۇش قۇرغان بولساممۇ كىلشەلمەي قىزىم ئالتە ئايلىق بولغاندا نىكاھدىن ئاجراشقان ،كىيىن بالىنى نەزەردە تۇتۇپ 2007-يىلى 2-ئايدا يارشىپ قالغان، لىكىن ئايالىم بۇرۇنقى خۇي پەيلىنى ئۆزگەرتمەكتە يوق تىخىمۇ ھەددىن ئىشىپ كەتتى، مەن ئىككى بالىنى كۆزدە تۇتۇپ ئايالىمنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرمەسلىككە سالدىم، مەن ئايالىمىنى ياندۇرۇپ كىلىشكە بارسام 10مىڭ يۇەن بەرسەڭ كىتىمەن دەپ مەن بىلەن كەتكىلى ئۇنىمىدى، مەنمۇ نىكاھدىن ئاجرىشقا قۇشۇلىمەن، بالىنىڭ بىرىنى مەن باقسام»دەپ جاۋاپ بەرگەن.

سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە: تەرەپلەر 2003- يىلى باشىقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرۇپ 2004-يىلى 11-ئايدا سxx ئىسىملىك بىر قىز پەرزەنتكە ئاتا ئانا بولغان، كىيىن تۇرمۇشتا كىلشەلمەي 2004-يىلى 11-ئايدا خەلق ئىشلار ئورنى ئارقىلىق نىكاھدىن ئاجرىشىشپ كەتكەن بولسىمۇ تەرەپلەر ئوتتۇرلىقتىكى بىر پەرزەنتنى كۆزدە تۇتۇپ 2007- يىلى 2-ئايدا قايتا نىكاھلانغان، 2008– يىلى 4-ئايدا ج xx ئىسملىك ئوغۇل پەرزەنتكە ئاتا- ئانا بولغان، 2013- يىلى 1- ئايدا تەرەپلەر تۇرمۇشتا كىلىشەلمەي ئايال ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىتىپ ھازىرغىچە ئىككى بالا بىلەن ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان،2013- يىلى 6-ئايدا كەنت مۇرەسسە خادىملىرى بىر قىتىم تەرەپلەرنى مۇرەسسە قىلغان بولسىمۇ تەرەپلەر كىلىشەلمىگەن، 2013- يىلى 9- ئايدا ئايال تەرەپ ئۆزىنىڭ تويلۇق مۈلۈكلىرىنى ئىلىپ كەتكەن،تەرەپلەر ئەرنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە چوڭ ئۆيدە بىرگە تۇرغان بۇلۇپ، ئوتتۇرلىقتا ئورتاق مۇلۇك ئورتاق قەرىزنىڭ يوقلىقى ئىنىقلاندى.

سوتتا جاۋاپكار نىكاھدىن ئاجرىشىدىغانلىقىنى، بالىدىن بىرنى ئۆزىنىڭ بىقىپ تەربىلەيدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇپ، دەۋاگەر نىكاھدىن ئاجرىشىدىغانلىقىنى، باللارنى ئۆزى بۇنىڭدىن كىيىن دادىسىدىن تۇرمۇش پۇلى تەلەپ قىلماي ۋە ئەر بىلەن بىرگە ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدىكى ئەجرى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇن جاۋاپكاردىن ھەق تەلەپ قىلمايدىغانلىقى، بالىلار قايسى تەرەپتە تۇرشنى خالىسا باللارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلدىغانلىقىنى، ئەگەر جاۋاپكار بىر بالىنى بىقىشنى تەلەپ قىلسا، جاۋاپكاردىن ئۆزىنىڭ ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدىكى ئەجرى بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇش ئۇرۇنلاشتۇرشى ئۈچۈن 30مىڭ يۈەن تەلەپ قىلدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ كىلشىمدىن نەتىجە بولمىدى.

يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلاردىن: تەرەپلەرنىڭ 2007-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بىجىرگەن نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى، كەنت مۇرەسسە كومتىتىنىڭ تەرەپلەرنى مۇرسسە قىلالمىغانلىق توغرىسىدىكى ئىسپاتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانلىرى، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ سوتتىكى بايانلىرى ئىسپات بولىدۇ.

سوت مەھكىمىمىز سوتتا تەكشۇرۇلگەن يۇقارقى ئەھۋالارغا ئاساسەن مۇنداق قارىدى: تەرەپلەر2003- يىلى قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرۇپ بىر پەرزەنتلىك بولغان بولسىمۇ تۇرمۇشتا كىلىشەلمەي نىكاھتىن ئاجرىشىپ، پەرزەنت ۋە ئورتاق مۈلۈك مەسىللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغان، كىيىن تەرەپلەر ئوتتۇرلۇقتىكى بالىنى كۆزدە تۇتۇپ 2007-يىلى2-ئايدا قايتىدىن نىكاھلىنىپ يەنە بىر پەرزەنتكە ئاتا- ئانا بولغان بولسىمۇ، يەنىلا تۇرمۇشتا ئۆز-ئارا پىكىر بىرلىكى ۋە ئىقتىسادى بىرلىك بولماي ياخشى بولالمىغان،بۇلارنىڭ ئەسلىدىلا نىكاھ مۇھەببەت ئاساسى ئاجىز بولۇپ، بۇنىڭدىن كىيىن ئۆي بولۇش ئىمكانىيىتى قالمىغان، نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇشقا تىگىشلىك، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرزەنت مەسلىسىدە، پەرزەنتلەر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان باللار بولۇپ، پەرزەنتلەرنىڭ تەن سالامەتلىگىگە، ئۈگۈنىشىگە پايدىلىق بولۇش، پەرزەنتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى چىقىش قىلىپ، ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپنىڭ بىقىش ئىقتىدارى ۋە بىقىش شارائىتى قاتارلىق كونكىرىت ئەھۋاللارنى بىرلەشتۈرگەندە، بالىلارنىڭ ئانىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋاقتى ئۇزۇنراق ۋە سوتتا پەرزەنتلەر ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈردىغانلىقىنى، دادىسى بىلەن تۇرمايدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانام نىكاھتىن ئاجراشسا مەن ئانام بىلەن بىرگە تۇرىمەن دىگەن پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشقا تىگىشلىك، دەۋاگەرنىڭ مەن جاۋاپكاردىن بىرگە ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدىكى ئەجرى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇش ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇن ھەق تەلەپ قىلمايمەن دىگەن پىكرىنى قوللاشقا بولىدۇ دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جەمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى»نىڭ 32- 36-ماددىسى،«ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى نىكاھدىن ئاجرىشىش دىلولىرىنى سوت قىلىشتا پەرزەنتلەرنى بىقىش مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە كونكىرىت پىكىرى»نىڭ3-4-5-ماددىسىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى؛

1- دەۋاگەر گxx بىلەن جاۋاپكار نxxنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى ئاجراشتۇرۇلدى؛

2- تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرزەنت سxx، جxx لار بۇندىن كىيىن باللار مۇستەقىل تۇرمۇش كۇچۇرۇش ئىقتىدارىگە ئىگە بولغۇچە دەۋاگەرنىڭ ھەقسىز بىقىپ تەربىلىشىدە بولىدۇ؛ دادىسىنىڭ باللارنى كۆرۈپ تۇرشى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ؛

دەۋا ھەققى 50 يۇەن، يەتكۇزۇش ھەققى 120 يۇەن جەمئى 170 يۇەنگە دەۋاگەر مەسئۇل بولىدۇ؛

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بىرىشكە بولىدۇ، نارازىلىق ئەرىزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن ئىككى نۇسخا، كۆچۈرۈلمىسىدىن ئۈچ نۇسخا ۋە دەۋا ھەققىنى قوشۇپ تاپشۇرۇش كىرەك.

    سوتچى     ئابلىمىت تۇردى

   2015- يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى

            پۈتۈكچى     ئىلغار كىرىم

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1497526 位访客