(2015) ئا ھ د 166- نۇمۇرلۇق دەۋاگەر ھ xx بىلەن جاۋاپكار پ xx ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ ماجرا /b> 2015-04-21 16:28:54
شىنجاڭ
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
ھەقتەلەپ ھۆكۈمنامىسى
2015-يىللىق ئا ھ د 166-نۇمۇرلۇق
دەۋاگەر ھxx،
ئەر، 1989-يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دېھقان.
جاۋاپكار پxx،
ئايال، 1992-يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دېھقان.
سوت مەھكىمىمىز يۇقارقى دەۋالاشقۇچىلار
ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ ماجىرا دىلوسىنى 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى قوبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ
قوللۇنۇپ 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 10- كۈنى ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى، دەۋالاشقۇچىلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا
تولۇق قاتناشتى، بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاياغلاشتى.
دەۋاگەر سوت مەھكىمىمىزگە«مەن 2014- يىلى 5- ئايدا باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرشى ئارقىلىق پxx بىلەن تۇرمۇش قۇرغان، لىكىن ئايالنىڭ ماڭا بولغان پوزىتسىيەسى ياخشى بولمىدى، ئايالىم مىنى ئەر قاتارىدا كۆرمىدى، تويلۇق مۇلۇكلەرنى ئىشلىتىشىمگە يول قويمىدى، تەربىيە
قىلسام ئۆزىنىڭ بىلگىنى قىلىۋەردى، ئايرىم ئۆي تۇتىمەن
دىگەندە غۇلجىغا چىقىپ كەتتۇق، ئۇ يەردىمۇ ئىختىسادى جەھەتتى چىقىشالماي ئاتۇشقا
قايتىپ كەلدۇق، بىزنىڭ بۇنىڭدىن
كىيىن ئۆي بولۇش ئىمكانىيىتىمىز يوق، نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇپ قويساڭلار،تويلۇق ئۈچۈن
بەرگەن 26مىڭ يۈەندىن 7مىڭ يۈەننى جاۋاپكار ماڭا قايتۇرسۇن»دەپ ئەررىز قىلغان.
جاۋاپكار
سوت مەھكىمىمزىگە«بىز تۇرمۇش قۇرغاندىن تارتىپلا ئىككىمىزنىڭ كۆز قارشى ئوخشاش
بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۇناسىۋىتمىز ياخشى ئەمەس، يولدىشىم ئۇششاق ئىشلارغا
ئارلىشىۋالدۇ، ئىش قىلسام ياراتمايدۇ، غۇلجىغا چىققان بولساقمۇ ھاۋاسى ماڭا ماس
كەلمەي ۋە مىنى ئىقتىساتتىن قىسىپ قويۇپ ئاتۇشقا قايتىپ كەلدۇق،مەنمۇ نىكاھدىن
ئاجرىىشىشقا قۇشۇلمەن،تويلۇق پۇلدىن قايتۇرالمايمەن»دەپ جاۋاپ بەرگەن.
سوت
قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە: تەرەپلەر باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن 2014-يىلى 5-ئاينىڭ
27- كۇنى قانۇنلۇق نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئىلىپ تۇرمۇش قۇرۇپ بىر مەزگىل ياخشى
ئۆتكەن، تەرەپلەر ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ 2014-يىلى8-ئاينىڭ 21- كۈنى غۇلجا شەھرىگە
چىقىپ ئەر-ئايال ئىككىسى ئاشخانىدا ئىشلىگەن، ئىككى ئاي ئىشلەش جەريانىدا 8مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالغان بولۇپ
بۇنىڭدىن 1300يۈەننى ئايال ئۆزى ئالغان، بىر قىسىم پۇللارنى تەرەپلەر كىرا
چىقىملىرى ئۆي ئىجارىسى قاتارلىق تۇرمۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ 3200يۈەن ئەردە
قالغان، ئايالنىڭ تويلۇق مۈلۈكلىرىدىن:
بىر دانە گاز ئوچاق تۇڭ جازىسى(قىممىتى800يۈەن)، بىر دانە كىر ئالغۇ700(قىممىتى
يۈەن)، بىر پارچە زاۋۇت گىلەم(قىممىتى1500 يۈەن)، بىر دانە كىيىم
ئىشكاۋى(قىممىتى2200يۈەن)،ئۈچ يىكەنداز، بىر يوتقان، بىر كۆرپە، تۆت ياستۇق، ئىككى
تەكرە، بىر ئەدىيال، بىر چامىدان، كىيىم-كىچەكلەر(كىيىم ئىشكاۋى ۋە چامىداندا
قۇلۇپ بار، ئاچقۇچى ئايالدا،يولدىشىدا ئاچقۇچ يوق)، ئىككى چايدان، بىر چوڭ
چەينەك،ئىككى كىچىك چەينەك، سەككىز پەتنۇس،ئون دانە چىنە، ئون دانە پىيالە،بىر
دانە ئاپتۇۋۇ-چىلاپچا، بىر دانە تام سائىتى قاتارلىق مۈلۈكلەرقالغان،تويلۇق ئالتۇن
بۇيۇملار ئايالدا بولۇپ تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا باشقا ئورتاق مۈلۈك ئورتاق قەرىزنىڭ
يوقلىقى ئىنىقلاندى.
سوت تەكشۇرشىدە تەرەپلەر نىكاھدىن ئاجرىشىشقا
بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ تويلۇق مۈلۈك جەھەتتە بىرلىككە كىلەلمەي مۇرەسسەدىن ئۈنۈم
بولمىدى.
يۇقارقىلارنى
ئىسپاتلايدىغان پاكىتلاردىن: تەرەپلەرنىڭ 2014-يىلى 5- ئاينىڭ 27-كۈنى بىجىرگەن
نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى، كەنت مۇرەسسە كومتىتىنىڭ تەرەپلەرنى مۇرسسە قىلالمىغانلىق
توغرىسىدىكى ئىسپاتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانلىرى ئىسپات
بولىدۇ.
سوت مەھكىمىمىز يۇقاردىكى سوتتا تەكشۈرۈلگەن
ئەھۋاللارغا ئاساسەن مۇنداق قارىدى:تەرەپلەر باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن
ئۆز-ئارا ئىختىيارلىشىپ تۇرمۇش قۇرغان بولسىمۇ، ئىلگىرى تولۇق چۇشۇنۇشمەي ئالدىراپ-تىنەپ
نىكاھلانلغان، نىكاھلانغاندىن كىيىن ئەر-خۇتۇنىڭ بىر بىرىگە كۆڭلى چۇشمىگەنلىكتىن
ۋە چوڭلارنىڭ بۇلارنىڭ نىكاھ تۇرمىشىغا ئارلىشىۋىلىشى تۇپەلىدىن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش
تەسكە چۈشكەن، بۇلارنىڭ بۇنىڭدىن
كىيىن ئۆي بولۇش ئىمكانىيىتى يوق، تەرەپلەرنىڭ نىكاھدىن ئاجرىششقا بىرلىككە كەلگەن
پىكرىگە ئاساسەن نىكاھدىن ئاجراشتۇرۇشقا تىگىشلىك، بۇلارنىڭ توي قىلىپ بىرگە تۇرغان ۋاقتى قىسقا بولۇپ، جاۋاپكار ئۆرۈپ-ئادەت
قائىدىسى بويىچە ئالغان تويلۇق پۇلدىن مۇۋاپىق قىممەتتە پۇل ياكى شۇ قىممەت مال مۈلۈك
قايتۇرۇشقا تىگشىلىك، تەرەپلەر ئورتاق
ئىشلەپ ئىقتىساد قىلغان 3200يۈەن پۇلنى ئورتاق
مۈلۈك قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك، دەۋاگەر جاۋاپكارغا تەۋە بولغان تويلۇق
مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ
قانۇنى» 32- 18- 17- ماددىسى «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق
جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى»نى تەدبىقلاشقا دائىر بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى
ئىزھاتى (2)نىڭ10-ماددىسىنىڭ بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:
1- دەۋاگەر ھxx بىلەن جاۋاپكار پxxنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى
ئاجراشتۇرۇلدى؛
2- جاۋاپكار پxx دەۋاگەر تەرەپتىن ئالغان تويلۇق پۇلدىن 3100يۇەن ياكى شۇ قىممەتتە مال مۇلۇك
قايتۇرىدۇ؛
3-تەرەپلەر ئورتاق ئىشلەپ تاپقان پۇلدىن قالغان
3200يۇەنننى تەرەپلەر1600 يۇەندىن ئىلىپ دەۋاگەر ھxx جاۋاپكار پxxغا
1600يۇەن قايتۇرىدۇ
3- دەۋاگەر ھxx جاۋاپكارغا
تەۋە بولغان تويلۇق مۈلۈكلىرىدىن: بىر دانە گاز ئوچاق تۇڭ جازىسى(قىممىتى800يۈەن)،
بىر دانە كىر ئالغۇ700(قىممىتى يۈەن)، بىر پارچە زاۋۇت گىلەم(قىممىتى1500 يۈەن)،
بىر دانە كىيىم ئىشكاۋى (قىممىتى2200 يۈەن)، ئۈچ يىكەنداز، بىر يوتقان، بىر كۆرپە،
تۆت ياستۇق، ئىككى تەكرە، بىر ئەدىيال، بىر چامىدان، كىيىم-كىچەكلەر(كىيىم ئىشكاۋى
ۋە چامىداندا قۇلۇپ بار، ئاچقۇچى ئايالدا،يولدىشىدا ئاچقۇچ يوق)، ئىككى چايدان،
بىر چوڭ چەينەك،ئىككى كىچىك چەينەك، سەككىز پەتنۇس،ئون دانە چىنە، ئون دانە
پىيالە،بىر دانە ئاپتۇۋۇ-چىلاپچا، بىر دانە تام سائىتى قاتارلىق مۈلۈكلەرنى تولۇق
قايتۇرىدۇ؛
دەۋا ھەققى 50 يۇەن،يەتكۇزۇش ھەققى 120 يۇەن جەمئى
170 يۇەنگە تەرەپلەر تەڭ مەسئۇل بولسۇن؛
بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۈمنامىنى
تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق قىزىلسۇ قىرغىز
ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا دەرجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز
بىرىشكە بولىدۇ، نارازىلىق ئەرىزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن ئىككى نۇسخا،كۆچۈرۈلمىسىدىن
ئۈچ نۇسخا ۋە دەۋا ھەققىنى قوشۇپ تاپشۇرۇش كىرەك.
سوتچى ئابلىمىت تۇردى
2015- يىلى 2- ئاينىڭ
22- كۈنى
پۈتۈكچى مۇيەسسەر سادىق
|