添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2015) ئا ھ د 328- نۇمۇرلۇق دەۋاگەر ئەلىمىگۇل ئىسمايىل بىلەن جاۋاپكار تۇداخۇن رو/b>

2015-04-21 16:39:31


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەقتەلەپ ھۆكۈمنامىسى

             2015-يىللىق ئا ھ د 328-نۇمۇرلۇق

دەۋاگەر ئەلىمىگۇل ئىسمايىل، ئايال، 1965- يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دېھقان.

  جاۋابكار تۇداخۇن روزى، ئەر، 1978- يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر.

سوت مەھكىمىمىز يۇقارقى دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئەل ئىچى قەرىز پۇل ماجرا دىلۇسىنى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى قوبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللۇنۇپ، 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئوچۇق سوت ئىچىپ قاراپ چىقتى، دەۋالاشقۇچىلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا تولۇق قاتناشتى، بۇ دىلۇغا قاراپ چىقىش ئاياقلاشتى.

دەۋاگەر سوت مەھكىمىمىزگە« تۇداخۇن روزى 2012-يىلى 8-ئايدا مەندىن 190مىڭ يۇەن قەرىز پۇل ئىلىپ، بۇ پۇلنى 2014-يلى 4-ئايدا قايتۇرمەن دەپ ھۆججەت يىزىپ بەرگەن بولسىمۇ ھازىرقىچە قايتۇرۇپ بەرمىدى. سوت مەھكىمىسى جاۋاپكاردىن يۇقارقى 190مىڭ يۇەننى ئىلىپ بەرسە»دەپ ئەرىز قىلغان.

جاۋاپكار سوتتا« مەن دەۋاگەردىن شۇ پۇلنى ئالغانلىقىم راست، بۇ پۇلنى ئىلىش ئۈچۈن كۆپ بەدەل تۆلىدىم، مەن تىجارەتتە زىيان تارتىم، دەۋاگەر بۇ ئەھۋالنى بىلىدۇ، دەۋاگەر ماڭا 2015- يىلى 12-ئايغىچە مۆھلەت بەرسە مەن بۇ پۇلنى شۇ ۋاقىتقىچە قايتۇراي، ۋاقىت بەرمىسە مەن دەۋاگەرگە 140 مىڭ يۈەن قايتۇرۇپ بولغان، شۇنى ھىسابلاشساق بولىدۇ»دەپ جاۋاپ بەردى.

سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە:جاۋاپكار تۇداخۇن رۇزى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۇنى دەۋاگەر ئەلىمىگۇلدىن 190مىڭ يۇەن پۇل قەرىز ئىلىپ شۇ كۇنى «مەن ئەلىمىگۇلدىن 190مىڭ يۇەن ئالدىم، بۇ پۇلنى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25- كۇنىدىن باشلاپ 10مىڭ يۇەندىن تاپشۇرمەن،ئەگەر ۋاختى ئۇتۇپ كەتسە، مەن ئۆزەمنىڭ ئايالىمنىڭ مۇئاش كاسىمنى قارشى تەرەپكە بىرمەن، ئۆينىڭ كىنىشكىسى، قوتاننىڭ كىنىشكىسى ئەلىمىگۇلدا تۇرىدۇ، پۇلنى قايتۇرۇپ بولغاندا قايتۇرۇپ بىرىدۇ، ئايدا مەن پۇل تاپشۇرغان پۇللارغا ئەلىمىگۇل ھۆججەت بىرىدۇ» دەپ قەرىزدارلىق ھۆججىتى يىزىپ بەرگەن بولسىمۇ جاۋاپكار پۇلنى ۋاختىدا قايتۇرۇپ بىرەلمىگەنلىكتىن دەۋاگەر كۆپ قىتىم پۇلنى سۇيلەپ كەلگەندىن كىيىن جاۋاپكار يۇقارقى پۇلغا 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى«مەن ئەلىمىگۇل ئاچامدىن 2012- يىلى 8-ئايدا 190مىڭ يۇەن ئالغان، بىرەلمىدىم، يەرنى ساتسام بىراقلا قايتۇرۇپ بىرمەن» دەپ قەرىزدارلىق ھۆججىتى يىزىپ بەرگەن بولسىمۇ پۇلنى قايتۇرالمىغانلىقى ئۇچۇن دەۋاگەر سوت مەھكىمىمىزگە دەۋا قىلىپ كەلگەن.

جاۋاپكار سوتتا دەۋاگەر 2013- يىلى 5-ئايلار ئەتراپىدا قىزىمنىڭ تۇينى قىلىمەن دىگەندە 14مىڭ يۈەن، يەنە 2013- يىلى قۇربان ھىيىت ھارپىسدا 3 مىڭ يۈەن، 2014- يىلى قۇربان ھىيىت ھارپىسدا 3مىڭ يۈەن كىيىن 2مىڭ يۈەن بەردىم، مۇشۇنداق پۇل بەرگەنلىرىم كۆپ ئەمما ھۆججەتلىشىۋالماپتىمەن دىگەن بولسىمۇ ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمىدى.

يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلاردىن جاۋاپكار تۇداخۇن نىڭ 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۇنى،2014-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۇنى ئىككى قىتىم دەۋاگەرگە يىزىپ بەرگەن قەرىزدارلىق ھۆججىتى،تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانى ئىسپات بولىدۇ.

مەھكىمىمىز سوتتا تەكشۇرۇلگەن يۇقارقى ئەھۋاللارغا ئاساسەن مۇنداق قارىدى: جاۋاپكار تۇداخۇن روزى دەۋاگەردىن 190مىڭ يۇەن قەرىز پۇل ئىلىپ ئىككى قىتىمدا دەۋاگەرگە قەرىزدارلىق ھۆججىتى يىزىپ بەرگەن، جاۋاپكار سوتتا 2013-يىللىرى دەۋاگەرگە پۇل قايتۇردۇم ھۆججەت ئىلۋالماپتىمەن دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، ئۆزى 2014-يىلى 4-ئايدا يەنە 190مىڭ يۇەن بىرشىنىڭ بارلىقىغا قارتا دەۋاگەرگە قەرىزدارلىق ھۆججىتى يىزىپ بەرگەن،شۇڭا جاۋاپكارنىڭ190مىڭ يۇەنگە يىزىپ بەرگەن قەرىزدارلىق ھۆججىتىنى بىكىتىشكە بولىدۇ، قانۇنلۇق قەرىز قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ ،جاۋاپكار زىممىسدىكى قەرىز پۇل 190مىڭ يۇەننى دەۋاگەرگە قايتۇرۇشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جۈمھۇرۇيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئۇمۇمى قايدىسى»نىڭ 90-108-ماددىسىنىڭ بەلگۇلمىسىگە ئاساسەن تۇۋەندىكىچە ھۇكۇم قىلىندى؛

1- جاۋاپكار تۇداخۇن روزى زىممىسىدىكى قەرىز پۇل 190مىڭ يۇەننى ھۆكۇم كۇچكە ئىگە بۇلۇپ بىر ئاي ئىچىدە دەۋاگەر ئەلىمىگۇل ئىسمايىلغا تۇلەپ قايتۇرسۇن.

2- جاۋاپكار يۇقارقى پۇلنى يۇقارقى مۇددەتتە قايتۇرۇلمىسا مۇددىتى ئۇتۇپ كەتكەن قىسمىغا «جۇڭخۇا خەلق جەمھۇرۇيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگۇلمىسىگە ئاساسەن بانكا ئۇسۇمى ھەسسىلىپ قۇشۇپ قايتۇرىدۇ.

دەۋا ھەققى 4100يۇەن، يەتكۇزۇش ھەققى 120 يۇەن جەممى 4220يۇەنگە جاۋاپكار مەسئۇل بولسۇن.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بىرىشكە بولىدۇ، نارازىلىق ئەرىزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن ئىككى نۇسخا، كۆچۈرۈلمىسىدىن ئۈچ نۇسخا ۋە دەۋا ھەققىنى قوشۇپ تاپشۇرۇش كىرەك.

سوتچى     ئابلىمىت تۇردى

2015- يىلى2- ئاينىڭ 28- كۈنى

پۈتۈكچى     ئىلغار كىرىم

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1439757 位访客