添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2015) ئا ھ د 326- نۇمۇرلۇق دەۋاگەر ي xx بىلەن جاۋاپكار ر xx ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ ماجرا /b>

2015-04-21 18:00:34


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                   2015-يىللىق ئا ھ د 326-نۇمۇرلۇق

دەۋاگەر يxx ، ئەر، 1975-يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، ئوقۇتقۇچى.

جاۋابكار رxx، ئايال، 1975-يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، ئۇقۇتقۇچى.

سوت مەھكىمىمىز يۇقارقى دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ ماجرا دىلوسىنى 2015- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى قوبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللۇنۇپ 2015-يىلى3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقتى، دەۋالاشقۇچىلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا تولۇق قاتناشتى، بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاياغلاشتى.

دەۋاگەر سوت مەھكىمىمىزگە« مەن رxx بىلەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق 2014-يىلى8-ئايدا قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرغان، بىز تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىن ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ مىجەزىمىز كىلىشەلمەي ياخشى بولالمىدۇق، بىزدە تۇرمۇشتا پىكىر بىرلىكى بولماسلىق سەۋەبىدىن ئوتتۇرلۇقىمىزغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ ياخشى بولالمىدۇق، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئۆي بۇلۇش ئىمكانىيتىمىز قالمىدى، سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە نىكاھ مۇناسىۋىتىمىزنى ئاجراشتۇرۇپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن»دەپ دەۋا قىلغان.

جاۋابكار سوت مەھكىمىمىزگە«مەن دەۋاگەر بىلەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق 2014-يىلى8-ئايدا قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرغىنىم راسىت، بىز تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىن بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ياخشى كىتىپ باراتتى، مەن بالىلارنى ئۆز بالامدەك كۆرۈپ شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كەلدىم، يولدۇشۇمنىڭمۇ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى شۇنداق ياخشى ئىدى، كىيىن نىمە سەۋەبتىن بىلمىدىم، يولدۇشۇمنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى ئۆزگىرىشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ تىلفۇن ئۇچۇر خاتىرىسىنى كۆرسەم ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا بىز قايتىدىن يارىشىۋالايلى دىگەندەك بىر قاتار گەپلەر ئىكەن، مەن يxx بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشتىن ئىلگىرى سىزنىڭ بۇرۇنقى ئايالىڭىزدىن ئىككى پەرزەنتىڭىز بار ئىكەن، مەن بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ يەنە بۇ ئائىلىنى بۇزىمەن دەيدىكەنسىز مەن بۇ توينى قىلمايمەن، شۇڭا ياخشى ئويلىنىپ ئاندىن بىر قارارغا كىلىپ ئاندىن تۇرمۇش قۇرايلى دىسەم يولدۇشۇم مەن بۇ ئائىلىنى ھەرگىزمۇ بۇزمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەنلىكى ئۈچۈن مەن بۇ توينى قىلغان، مەن نىكاھتىن ئاجراشمايمەن، ئەگەر يولدۇشۇم نىكاھتىن ئاجرىشىش پىكىرىدە قەتئىي چىڭ تۇرىۋالسا مىنىڭ توي قىلىش ئۈچۈن قىلغان چىقىمىم 50مىڭ يۈەن، دەۋاگەرنىڭ مىنى ئالداپ تۇرمۇش قۇرغان نىكاھ ئالدامچىلىقى ئۈچۈن 50مىڭ يۈەن جەمئىي 100مىڭ يۈەننى قانۇن بويىچە ئىلىپ بەرسەڭلار»دەپ جاۋاپ بەرگەن.

سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە: تەرەپلەر ئۆزلىرى ئىختىيارلىشىپ 2014-يىلى 8-ئاينىڭ14-كۈنى قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرۇپ بىر يىرىم ئاي ئەتراپىدا ياخشى ئۆتكەن،كىيىن تەرەپلەرنىڭ تۇرمۇشىغا دەۋاگەرنىڭ بۇرۇنقى ئايالىنىڭ ئارلىشىۋىلىشى سەۋەبىدىن ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولماي جاۋابكار 2014-يىلى10-ئاينىڭ9-كۈنىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان، ئايالنىڭ تويلۇق مۈلۈكلىرىدىن بىر پارچە غۇلجىنىڭ چۇكۇ گىلەم(5*4)، بىر توڭلاتقۇ، بىر كىر ئالغۇ، بىر كىيىم ئىشكابى، بىر تىلۋىزۇر، ئىككى يوتقان، ئىككى كۆرپە، تۆت يىكەنداز، تۆت تەكرە، تۆت ياستۇق، بىر يۇڭ ئەدىيال قاتارلىق مۈلۈكلەر ئەرنىڭ ئۆيىدە قالغان بولۇپ ئايالنىڭ ئالتۇن بۇيۇملىرىنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكى، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مۈلۈك-ئورتاق قەرىزنىڭ يوقلىقى ئىنىقلاندى.

سوتتا دەۋاگەر نىكاھتىن ئاجرىشىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاۋابكار نىكاھنى ساقلاپ قىلىش، ئەگەر دەۋاگەر نىكاھتىن ئاجىرشىش پىكىرىدە قەتئىي چىڭ تۇرسا 100مىڭ يۈەن بەرسۇن دىگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇرەسسەدىن ئۈنۈم ھاسىل بولمىدى.

يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلاردىن ئاتۇش شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تەرەپلەرنىڭ 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى قانۇنلۇق نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغانلىقىغا بەرگەن ئىسپاتىنىڭ ئەسلى نۇسخسى، كەنت مۇرەسسە كومتىتىنىڭ تەرەپلەرنى مۇرسسە قىلالمىغانلىق توغرىسىدىكى ئىسپاتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە تەرەپلەرنىڭ سوتتىكى بايانلىرى ئىسپات بولىدۇ.

سوت مەھكىمىمىز سوتتا تەكشۇرۇلگەن يۇقارقى ئەھۋالارغا ئاساسەن مۇنداق قارىدى: تەرەپلەر2014-يىلى 8-ئايدا قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرۇپ بىر مەزگىل ياخشى ئۆتكەن بولسىمۇ كىيىن تەرەپلەرنىڭ تۇرمۇشىغا باشقىلارنىڭ ئارلىشىۋىلىشى ۋە ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ مىجەز خۇلۇق جەھەتتە كىلىشەلمىگەنلىك سەۋەبى بىلەن ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىغان، تەرەپلەر نىكاھلانغاندىن كىيىن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مۈلۈك ۋە ئورتاق قەرىز شەكىللەنمىگەن، دەۋاگەر سوتتا نىكاھتىن ئاجرىشىدىغانلىقىنى، ئايالنىڭ تويلۇق مۈلۈكلىرىنى تولۇق بىرىدىغانلىقىنى، جاۋابكار مۇمكىن بولسا نىكاھتا ئىتتىپاقلشىپ قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، ئەگەر دەۋاگەر نىكاھتىن ئاجرىشش پىكىرىدە چىڭ تۇرسا نىكاھتىن ئاجرىششقا قوشۇلىدىغانلىقىنى، توي قىلىش ئۈچۈن كەتكەن چىقىمىم 50مىڭ يۈەن، دەۋاگەرنىڭ نىكاھ ئالدامچىلىقى ئۈچۈن 50مىڭ يۈەن جەمئىي 100مىڭ يۈەننى دەۋاگەر ماڭا بەرسە نىكاھتىن ئاجرىشىمەن دىگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جاۋابكارنىڭ ماڭا 100مىڭ يۈەن بەرسە نىكاھتىن ئاجرىشىمەن دىگەن پىكىرىنىڭ قانۇنى ئاساسى يوق، قوللاشقا بولمايدۇ، تەرەپلەرنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئاساسى ئاجىز، ئۆز-ئارا چۈشۈنۈشمەيلا تۇرمۇش قۇرغان، نىكاھتىن ئاجرىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن، تەرەپلەر نىكاھتىن ئاجراشسا بولىدۇ، دەۋاگەر جاۋابكارغا تەۋە بولغان تويلۇق مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جەمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى»نىڭ 32-18-39-42- ماددىسىنىڭ بەلگۇلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

1- دەۋاگەر يxx بىلەن جاۋابكار رxxنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى ئاجراشتۇرۇلدى؛

2- دەۋاگەر يxx جاۋابكار رxxنىڭ بىر پارچە غۇلجىنىڭ چۇكۇ گىلەم(5×4)، بىر توڭلاتقۇ، بىر كىر ئالغۇ، بىر كىيىم ئىشكابى، بىر تىلۋىزۇر، ئىككى يوتقان، ئىككى كۆرپە، تۆت يىكەنداز، تۆت تەكرە، تۆت ياستۇق، بىر يۇڭ ئەدىيال قاتارلىق مۈلۈكلىرىنى جاۋابكار رxxغا تولۇق قايتۇرسۇن؛

دەۋا ھەققى 50 يۇەن، يەتكۇزۇش ھەققى 120 يۇەن جەمئى 170 يۇەنگە  دەۋاگەر مەسئۇل بولسۇن؛

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا دەرجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بىرىشكە بولىدۇ، نارازىلىق ئەرىزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن ئىككى نۇسخا، كۆچۈرۈلمىسىدىن ئۈچ نۇسخا ۋە دەۋا ھەققىنى قوشۇپ تاپشۇرۇش كىرەك.

سوتچى       تۇرغۇن ئوسمان

2015-يىلى 3- ئاينىڭ 24- كۈنى

پۈتۈكچى      مۇيەسسەر سادىق

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1375482 位访客