添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2015) ئا ھ د 163- نۇمۇرلۇق دەۋاگەر ن xx بىلەن جاۋاپكار م xx ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ ماجرا /b>

2015-04-21 18:06:41


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

2015-يىللىق ئا ھ د 163-نۇمۇرلۇق

دەۋاگەر نxx، ئەر، 1986- يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دىھقان.

جاۋاپكار مxx، ئايال، 1994- يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، ئىش كۈتۈپ تۇرغان زىيالى.

سوت مەھكىمىمىز يۇقارقى دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ ماجرا دىلۇسىنى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى قوبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ قوللۇنۇپ 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوچۇق سوت ئىچىپ قاراپ چىقتى، دەۋالاشقۇچىلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا تولۇق قاتناشتى، بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاياقلاشتى.

دەۋاگەر سوت مەھكىمىمىزگە« مەن باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق مxx بىلەن 2014-يىلى11-ئاينىڭ6-كۈنى قانۇنلۇق نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئىلىپ تۇرمۇش قۇرغان، بىز توي قىلغان كۈنىلا چىقىشالماي ئوتتۇرلۇقىمىزدا جىدەل-ماجىرا بولدى، توي بولۇپ 11 كۈندىن كىيىن ئايالىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئازنىلىققا بىرىپ كىلەي دىدى ۋە مەن ئۇنى ئاپپىرىپ قويۇپ ئۆزۈم يىنىپ كەلدىم، شۇنىڭدىن كىيىن جاۋابكار مxx سىرىتلاردا قالايمىقان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ يۈردى، جاۋابكارنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ يۈزۈمدىن-يۈزۈمگە قالايمىقان گەپ سۆزلەرنى قىلدى،بىزدە ئۆي تۇتۇش ئىمكانىيتى قالمىدى، بىزنىڭ نىكاھىمىزنىڭ بۇزۇلىشىغا جاۋابكار ئۆزى سەۋەبلىك، سوت مەھكىمىسىنىڭ بىزنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئاجراشتۇرۇپ، توي قىلىش ئۈچۈن كەتكەن چىقىم 60مىڭ يۈەندىن 40مىڭ يۈەننى جاۋابكاردىن ئىلىپ بىرىشىڭلارنى سورايمەن» دەپ ئەرىز قىلغان.

جاۋاپكار سوت مەھكىمىمىزگە« مەن دەۋاگەر بىلەن 2014-يىلى11-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇرمۇش قۇرۇپ 15كۈن ياخشى ئۆتكەن ئىدۇق، 15-كۈنى مەن ئانامنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كىلەي دەپ يولدۇشۇمدىن سورىسام ئۇ ئۆزى مىنى ئانامنىڭ ئۆيىگە ئىچىقىپ قويدى، مىنى دۈشەنبە كۈنى يىنىپ چىققىن دەپ ئۆزى ئۆيىگە كەتتى، شۇ كۈنى يولدۇشۇم مىنىڭ ھاممامغا تىلفۇن قىلىپ مىنى ئۆيگە قايتىپ چىقمىسۇن دىگەندەك گەپ سۆزلەرنى قىپتۇ، دەۋاگەر ۋە ئائىلىسىدىكىلەر مىنىڭ ئاتا-ئانام ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىمغا مىنى خىتىنى ئالسۇن دىگەندەك بىر قىسىم بولمىغۇر گەپ سۆزلەرنى قىپتۇ، مەن ئۇنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشش پىكىرىگە قوشۇلمىدىم، مىنىڭ ئەسلا نىكاھتىن ئاجرىشش نىيىتىم يوق، سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە:تەرەپلەر2014-يىلى11-ئاينىڭ6-كۈنى قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرۇپ 15كۈن ئەتراپىدا ياخشى ئۆتكەن، 2014- يىلى11- ئاينىڭ 22-كۈن جاۋابكار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئازنىلىققا بارغاندا دەۋاگەر ئايالنى ئاپپىرىپ قويۇپ ئۆزى يىنىپ كەلگەن شۇنىڭدىن باشلاپ ئايال ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە يامانلاپ ئولتۇرغان، ئايالنىڭ ئەر تەرەپتىكى تويلۇق مۈلۈكلىرىدىن:بىر 6200 يۈەن قىممىتىدىكى ئايالچە موتوسىكىلىت(خوندا ماركىلىق)، بىر 2600 يۈەن قىممىتىدىكى توڭلاتقۇ، بىر 2300يۈەن قىممىتىدىكى تۈركىيە نۇسخسىدىكى سۈنئى گىلەم، بىر 1050يۈەن قىممىتىدىكى كىيىم ئىشكاۋى (كىيىم-كىچەك بار)، بىر2350يۈەن قىممىتىدىكى تىلىۋۇزۇر ۋە ئۇنىڭ ئۈستىلى، بىر1650يۈەن قىممىتىدىكى كىرئالغۇ(گاز ئوچاققا ئالماشتۇرغان)، ئىككى يوتقان، ئىككى كۆرپە، تـۆت ھىكەنداز، تۆت ياستۇق، تۆت تەكرە، بىر يۇڭ ئەدىيال، بىر يۈرۈش جانان قاچا- قۇچۇلىرى، بىر يۈرۈش ساندۇق( ئىچىدە ئادەتتىكى بىر قىسىم كىيىم- كىچەك بار، قۇلۇپلانمىغان) قاتارلىق مۈلۈكلەرنىڭ بارلىقى، دەۋگەر قىزغا قىزلىق مىھىر ھەققى ئۈچۈن 35مىڭ يۈەن نەق پۇل،نان يۈدۈرۈك ئۈچۈن 11200يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇن زىننەت بۇيۇمى ئىلىپ چىققاندا ئايال تەرەپ ئەر تەرەپكە قىز مىھىر ھەققىدىن 5000يۈەن، نان يۈدۈرۈكتە 5800يۈەن جەمئىي 10800يۈەن قايتۇرغانلىقى، تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا ئورتاق قەرىزلەرنىڭ يوقلىقى، ئايالنىڭ ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

سوتتا تەرەپلەرگە مۇرەسسە خىزمىتى ئىشلىگىنىمىزدە دەۋاگەر نىكاھتىن ئاجىرشىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاۋاپكار نىكاھتىن ئاجراشمايمەن دىگەن پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ مۇرەسسەدىن ئۈنۈم ھاسىل بولمىدى.

يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلاردىن: تەرەپلەرنىڭ 2014-يىلى 11- ئاينىڭ 6-كۈنى تىزىملاتقان نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، كەنت ئاھالىلەر كومتىتىنىڭ تەرەپلەرنى مۇرەسسە قىلغانلىدىكى ئىسپاتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سوتتىكى بايانلىرى ئىسپات بولالايدۇ.

مەھكىمىمىز سوتتا تەكشۈرۈلگەن يۇقارقى ئەھۋاللارغا ئاساسەن مۇنداق قارىدى: تەرەپلەر قانۇنلۇق تۇرمۇش قۇرۇپ 15 كۈن ئەتراپىدا ياخشى ئۆتكەن كىيىن ئەر-ئايالنىڭ ۋە چوڭلارنىڭ بىر قىسىم گەپ سۆزلىرى تۈپەيلى ئەر-ئايال تۇرمۇشىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن، تەرەپلەر تۇرمۇش قۇرۇپ ئۆي تۇتقان ۋاقتى قىسقا، ئوتتۇرلۇقتىكى چۈشەنمەسلىك سەۋەبى بىلەن ياخشى بولالمىغان بولسىمۇ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا نىكاھتىن ئاجراشقىدەك ئالاھىدە مەسىلە يوق، ئايالنىڭ مىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشش نىيىتىم يوق، بىزنى قانۇن بويىچە نىكاھتا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ قويساڭلار دىگەن پىكىرىنى قوللاشقا بولىدۇ، تەرەپلەر بۇنىڭدىن كىيىن ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ۋە چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىگە سادىق بولۇپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە تىرىشىپ ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىپ نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى نىكاھ قانۇنى»نىڭ 32-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى؛

دەۋاگەر نxx بىلەن جاۋاپكار مxxنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى ساقلاپ قېلىنسۇن؛

دەۋا ھەققى 50يۈەن، يەتكۈزۈش ھەققى 120 يۈەن جەمئى 170يۈەنگە تەرەپلەر تەڭ مەسئۇل بولسۇن؛

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغۇچى تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بىرىشكە بولىدۇ،نارازىلىق ئەرىزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن ئىككى نۇسخا، كۆچۈرۈلمىسىدىن ئۈچ نۇسخا ۋە دەۋا ھەققىنى قوشۇپ تاپشۇرۇش كىرەك.

       سوتچى      تۇرغۇن ئوسمان

-2015يىلى 3- ئاينىڭ 13-كۈنى

      پۈتۈكچى     ئىلغار كىرىم

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1268573 位访客