添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

(2015) ا ا د 151 - نۇمۇرلۇق دەۋاگەرمىجىت عاپپار بىلەن جاۋاپكار ئابدۇقېيۇم ئەخەت/b>

2015-07-30 18:18:39


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

(2015) ئا ھ د 151- نۇمۇرلۇق

دەۋاگەر: مىجىت غاپپار ، ئەر ، ئۇيغۇر .

جاۋاپكار : ئابدۇقېيۇم ئەخەت ، ئەر ، ئۇيغۇر .

سوت مەھكىمىمىز دەۋاگەر مىجىت غاپپارنىڭ جاۋاپكار ئابدۇقېيۇم ئەخەت ئۇستدىن ئەرىز قىلغان مال - مۇلۇك ئىگىدارلق ھوقۇقى ماجراسى دىلوسنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بويچە قاراپ چىقىتى، دەۋالاشقۇچىلار سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتى.

دەۋاگەر مىجىت غاپپار : « 2013- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كىيىن ئابدۇقېيۇم ئەخەت ئاكامنىڭ بىر بالىسى بارئىدى، بىز بو شوچاڭ ئىسىملىك كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەربىيلىككە ئەۋەتەيلى دىگەن ئىدۇق، بىز خەنزۇچىنى بىلەلمەيدىكەنمىز سىز بىزگە تەرجىمانلىق قىلىپ بەرسىڭىز دىدى، مەن ئۇنىمىدىم، بىر نەچچە كۈندىن كىيىن يەنە ماڭا يالۋۇردى، مەن ئامالسىز ماقۇل دەپ، بازارنىڭ ئىچىدە بو شوچاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئابدىقېيۇم بو شوچاڭغا پۇلنى بەردى بىز كەتتۇق، 12- ئاينىڭ ئەتراپىدا ئابدىقېيۇم ماڭا بو شوچاڭ ئىشنى پۈتتۈرەلمىدى ياكى پۇلنى بەرمىدى، بىز بو شوچاڭنى تاپالمايۋاتىمىز، سىز بوشوچاڭنى كۇرۇپ قالسىڭىز بىزكە خەۋەر قىلىپ قويسىڭىز دىگەن، 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى بو شوچاڭ كىلىپتۇ پۇلۇڭلارنى ئىلىپ ئىلىڭلار دەپ خەۋەر قىلىپ قويدۇم، ئۇلار بىز گىپىنى ئۇقالمىدۇق دەپ بىرنەچچە قىتىم دىدى، مەن بېرىپ يەنە تەرجىمانلىق قىلدىم، بو شوچاڭ 3 كۈندىن كىيىن بىرەي دەپ ھۆججەت يىزىپ بەردى، پۇلنى بىرىدىغان كۈنى ئابدۇقېيۇم كىلەلمەي قىلىپ بو شوچاڭ يەنە كىتىپ قاپتىكەن، شۇ پېتى ھازىرغىچە تاپالماي ماڭا ئېسىلىپ تۇرۇپ پۇلنى سەن ياندۇرۇپ بىرىشكە تىگىشلىك دەپ مىنىڭ 2 كالا، 2 موزىيىمنى، ئەكىتىپ ياندۇرۇپ بىرىشكە ئۇنىمايۋاتدۇ، ئېلىپ بەرسەڭلار دەپ» دەپ ئەرىز قىلدى.

جاۋاپكار ئابدۇقېيۇم ئەخەت جاۋاپ خەت يازمىدى.

سوت قىلىپ تەكشۈرۈشىمىزچە: جاۋاپكار ئابدۇقېيۇم ئەخەت ئاكسنىڭ بالسنى ھەربىيلكە ئۇتكۇزمەكچى بولۇپ، دەۋاگەر مىجىت غاپپار بىلەن سۆزلىشپ، 2013- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى جاۋاپكار ئابدۇقېيۇم ئەخەت ئاكسنىڭ بالسنى ھەربىيلىككە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان بوشوچاڭغا تەييارلغان 25000 يۈەن پۇلنى قارىجۈل بازاردا دەۋاگەر مىجىت غاپپارنىڭ ماشىنىسدا ئولتۇرۇپ بو شوچاڭغا بىرىپ، بو شوچاڭدىن قەرز ھۆججىتى يازدۇرۇۋالغان، كيىن جاۋاپكار ئابدۇقېيۇم ئەخەت ئاكىسنىڭ بالسنى بو شوچاڭ ئەربيلكە ئۇتكۇزۇپ بىرەلمىگەنلگنى بىلىپ بو شوچاڭغا پۇلنى قايتۇرۇپ بەر دىگەندە، بو شوچاڭ 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۇچ كۇندىن كېيىن پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بىرىمەن دەپ يەنە ھۆججەت يېزىپ بىرىپ، پۇلنى بەرمەي كىتىپ قېلىپ ھازىرغىچە ئىزدىرىگى بولمىغاندا، جاۋاپكار ئابدۇقېيۇم ئەخەت دەۋاگەر مىجىت غاپپارنىڭ 2 كالا، 2 موزىينى ئۆيىگە ئېلىپ كىتىپ، پۇلنى سەن ياندۇرۇپ بىرىشكە تىگىشلىك دىگەن سەۋەپ بىلەن كالا ۋە موزايلىرىنى بەرمىگەنلىگى ئېنىقلاندى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋاپكار ئابدۇقېيۇم ئەخەت 25000 يۈەن پۇلنى بو شوچاڭغا بىرىپ، بو شوچاڭدىن ھۆججەت يازدۇرۇۋالغان، بو شوچاڭدىن ئېلىشقا تىگىشلىك، دەۋاگەر مىجىت غاپپارنىڭ 2 كالا، 2 موزىيىنى ئېلىپ كىتىشى قانۇنغا خىلاپ، قايتۇرۇپ بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمۇرئىيتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى» نىڭ 117- ماددسى، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى نەرسە ھوقۇقى قانۇنى» نىڭ 32 ، 34 ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

دەۋاگەر مىجىت غاپپارنىڭ 2 كالا ، 2 موزىينى جاۋاپكار ئابدۇقېيۇم ئەخەت قايتۇرۇپ بەرسۇن !

دەۋا ھەققى 50 يۇەننى جاۋاپكار ئابدۇقېيۇم ئەخەت ئۈستىگە ئالسۇن!

بۇ ھۆكۈمگە نارازى بولغۇچى تەرەپ، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز ۋە كۆچۈرمىسىدىن بەش نۇسخا تاپشۇرسا بولىدۇ.     

 

سوتچى: ئۈسەن مەمەت روزى

2015ـ يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى

پۈتۈكچى: ئايجارقىن قاسكە

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿图什市法院网
关闭窗口
地址:新疆阿图什市友谊北路1号院   邮编:845350  

Copyright© 2020 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 1268566 位访客